جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق مەركىزى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى

2019.08.13 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدىكى بىر سودا سارىيىدىن كىيىم سېتىۋالماقتا (8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلى، جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ھەممىلا يېرىدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، سودىگەرلەر، ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەنت- گېزەكلىرى، ئۇن، ئىچىملىكلىرى، جۇڭگونىڭ توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، ئۇششاق تاۋارلىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان بولۇپ، جايلاردىكى سودىگەرلەرنى جەلپ قىلاتتى. جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 7- ئايغىچە ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرگەن- چىققانلارنىڭ سانى 3 مىليون 347 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.28 ئاشقان. جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى دۇنيا بويىچە تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى بولۇپ، 2012-يىلى تاموژنىدا تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، مەركەز ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى تېز ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ