مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى كارخانىنى قۇرۇش ۋاقتى 5.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى

خۇسۇسىي كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى

2019.08.13 15:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «چۈشتىن بۇرۇن تولۇق تەييارلىغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرغانىدىم، يېرىم كۈندىلا تىجارەت كىنىشكىسىنى قولۇمغا ئالدىم، ئۈنۈم ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن!» 8- ئاينىڭ 9- كۈنى، يېقىندا شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرغان چاغدىكى كەچۈرمىشى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك سېتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ما خەييەن ماختاپلا كەتتى.

  ما خەييەننىڭ كەچۈرمىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، كارخانىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى كارخانىنى قۇرۇش ۋاقتى ئاساسەن 5.5 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلىپ، گوۋۇيۈەن بېكىتكەن «2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى 8.5 كۈنگە قىسقارتىش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش»، كارخانا نامىنى ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ئاشكارا، ئوچۇق، قولايلىق ئىجازەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ