مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭ بويىچە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2019.08.09 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما 4 كۈنلۈك قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشنى كۈتىۋالماقتا. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ بويىچە يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى: 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 00 : 00 دە باشلىنىپ 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 24:00دە ئاخىرلىشىدۇ. ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىپ، كارتا تارقاتماي بالداق كۆتۈرۈپ ماڭدۇرۇلىدۇ. يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزلىرىدىكى ھەق ئېلىش يوللىرىدىن ئايرىلىش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ قەغەز بېلەت تارقىتىلىدۇ. بايرام مەزگىلىدە ETC ئاپتوموبىل يولى نورمال ئېچىلىپ، ھەر بىر ئاپتوموبىلغا بىردىن بالداق كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قاتناش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرىنىڭ مەخسۇس ھەقسىز يولى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلىپ، ھەق تاپشۇرىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن ھەقسىز ئاپتوموبىللارنىڭ يول ئايرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە ج خ قاتناش ساقچىلىرى ۋە مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەنكى يىللاردىكى ھەقسىز يول يۈرۈش ئەھۋالى ئارقىلىق، ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىشپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ، لىنىيە بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئاخبارات تاختىسى ۋە قاتناش رادىيو قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ھەقسىز يول يۈرۈش ۋە تاشيول قاتنىشى قاتارلىقلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «قولايلىق، راۋان، ئازادە، مەدەنىي ۋە ئىناق» يول يۈرۈش مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ