يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلدى

2019.08.08 14:32 مەنبە: خەلق تورى

  سەھەردىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بىر مەنزىرىسى (2019- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ»لۇق ئالتاي ۋىلايىتىدىن «تاغلار ئەجدادى» ھېسابلىنىدىغان كۇئېنلۇن تېغىقىچە، «ھالاكەت دېڭىزى» ھېسابلىنىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىن «قورۇل سىرتىدىكى جياڭنەن» ھېسابلىنىدىغان ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە . . . 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالتىدىن بىر قىسىم زېمىنىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، مۇھىتى گۈزەل ۋە چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغان ھەيۋەتلىك مەنزىرىلەر بىرلىكتە سىزىپ چىقىلدى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈردى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا گۈللىنىپ راۋاجلانغان ۋە خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ۋەزىيەت يەنىمۇ بارلىققا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ