ياز پەسلىدە تەڭرىتېغىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئېلىش

2019.08.07 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، نۇرغۇن ساياھەتچى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقى توققۇز ئەگىم سەيلىگاھىدا ساياھەت قىلدى. ياز كۈنلىرى كىشىلەر ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تەڭرىتاغ تىزمىلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاغلىق-ئويمانلىقلار، نۇرغۇن مۇزلۇق دەريالار، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تەبىئىي مەنزىرىسى بار، بۇ يەردە سىز ئويلىيالايدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى كۆز ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ: كۆپكۆك ئاسمان، لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇت، ئاپئاق قارلىق چوققىلار، ئەگىپ يۈرگەن تۇمانلار، گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ جىلغىلىرى، توغرىسىغا كەتكەن دەريا-ئېقىنلار، كۆپكۆك كۆل سۇلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېقىنلار، ئەگرى-بۈگرى قەدىمىي يوللار، بۈك-باراقسان شەمشادلىق، بولۇق ئۆسكەن خۇش پۇراق ئوت-چۆپلەر، رەڭگارەڭ گۈللەر، قاپتاللاردا يايلاپ يۈرگەن پادىلار، ئالتۇن رەڭلىك بۇغداي دولقۇنلىرى، گىرەلىشىپ كەتكەن ئېتىزلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، قاتمۇقات، رەڭگارەڭ، بىر قەدەمدە بىر خىل مەنزىرە، خۇددى جەننەتكە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىلەر ئاجايىپ-غارايىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل رەسىملەر توپلىمىنى ھاسىل قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ