مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۇ كۆپەيدى، يەر كۆكەردى، بوران پەسەيدى

ئېبنۇر كۆلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇشلار ماكانلىشىدىغان مۇھىم جايغا ئايلاندى

2019.08.07 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئېبنۇر كۆلىدىكى قۇش تۈرلىرى مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 111 خىلدىن كۆپىيىپ 267 خىلغا يەتتى، كۆزىتىلگەن قۇشلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليوندىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرى 91 خىل، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان قۇش تۈرى 54 خىل بولۇپ، ئېبنۇر كۆلى شىنجاڭدىكى قۇشلارنىڭ مۇھىم ماكانلىشىدىغان جايىغا ۋە پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئۆتەڭ بېكىتىگە ئايلاندى.

  قوغداش خاراكتېرلىك تۈزەش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندىكى ئېبنۇر كۆلى ھاياتىي كۈچكە تولدى، كۆل يۈزى زۇمرەتتەك دولقۇنلايدۇ، كۆل بويىدىكى قومۇشلار ياپيېشىل بولۇپ، قۇشلار ئوزۇق ئىزدەپ ئوينىشىپ ئۇچۇپ يۈرىدۇ... كۆل بويىدا تۇرغىنىڭىزدا، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى شورلۇق يەر ۋە شېغىللىق يەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيسىز.

  «ئىلگىرى بىر يىلنىڭ يېرىمىدا دېگۈدەك بوران چىقاتتى، بوران قۇم ۋە شېغىللارنى ئۇچۇراتتى، ناچار ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇشلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيتتى» بېيجىڭ ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ قۇش ئېكولوگىيە ئىلمى دوكتورى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى قادىرقان بايئاقىننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۆزىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 12 يىل بوپتۇ.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاتاۋ ئېغىزىدا بورانلىق ھاۋارايى بارغانسېرى ئازايدى، قۇم - توزانلىق ھاۋارايىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازايدى» دېدى 23 يىل ئىلگىرى ئېبنۇر كۆلىگە يېقىن بولغان ئالاتاۋ ئېغىزىغا كېلىپ يىلتىز تارتقان خېنەن جوۋكوۋلۇق جاڭ شېڭلى.

  2008- يىلى، شىنجاڭ ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «سۇ تېجەش، كۆلنى قوغداش، ئورمان يېتىشتۈرۈش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى.

  ئېبنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى 54 ئائىلىلىك چارۋىچى باشقا جايغا كۆچۈرۈلدى، دەرەخ كېسىش، ئوۋ ئوۋلاش، بېلىق باقمىچىلىقى ۋە ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇتۇشى چەكلەندى. ئېبنۇر كۆلى ۋادىسىدىكى سۇ ئىشلىتىشنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ئېبنۇر كۆلىگە سۇ تولۇقلاش، سۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ