ئالدىنقى ئالتە ئايدا ئالاتاۋنىڭ تەۋەلىك سودا سوممىسى %283 ئاشتى

2019.08.07 08:19 مەنبە: خەلق تورى

  ئالدىراش ئالاتاۋ بېكىتى (7- ئاينىڭ 28- كۈنى تارتىلغان).

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، ما يىنىڭ، سۇڭ ياۋېن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل 1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تاماملانغان تەۋەلىك سودا سوممىسى 1 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %283.09 ئاشتى؛ تاماملانغان ئىمپورت - ئېكسپورت مال تىرانسپورت مىقدارى 370 مىڭ توننا بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا قىممىتى 2 مىليارد 510 مىليون يۈەن بولدى.

  ھازىرغىچە، ئالاتاۋ پورتىدىن قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا، جۇڭگو - ئاسىيا نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسىدىن 61ى بار بولۇپ، جەمئىي قاتنىغان پويىز 10مىڭ 334تىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70ىگە يېقىنىنى ئىگىلىدى. ئالاتاۋدىن غەربكە يۈرۈپ، چېگرا سىرتىدا ياۋروپا، ئاسىيادىكى 59 شەھەر بىلەن تۇتىشىپ، چېگرا ئىچىدە نۆۋەتچى پويىز قاتنايدىغان 54 شەھەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولىنىڭ تۈگۈنلۈك ئورنىنى ساقلىدى.

  ئالاتاۋ تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «مەخسۇس يولى»نى تەسىس قىلدى: خىزمەت ۋاقتىدا ئالدىنئالا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا چاغدا ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ، كېچىدە قاچان كەلسە شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ 24 سائەت ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، 365 كۈن توختاپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  7- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىمپورت - ئېكسپورت رايونىنىڭ مال سودىسى قىممىتى 2 مىليارد 803 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2018- يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق يىغىندىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتتى. 2019- يىلى 6- ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 2018- يىلىدىكى 49- ئورۇندىن 24- ئورۇنغا ئۆرلىدى.

  شىنجاڭدىكى بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16- ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى 21 تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئىچى ئۆزى توشۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كارخانىلارنى ماسلاشتۇرغۇچى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، پورتقا تايىنىپ كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلەتتى.

  رۈيچېن چىرىشتىن ساقلىنىش، خۇايوۋ پولات تۇرۇبىسى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئىلغار ياسىمىچىلىق، جېندې توقۇمىچىلىقى، خۇاماۋ توقۇمىچىلىقى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، ۋەنجيا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ئىمپورت تاۋارلارنى يەرلىكتە پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇپ كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئۈلگە تۈرى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈلدى.

  «باجدىن خالىي رايونغا كىرىپ ئورۇنلاشقان بەش يىلدىن بۇيان، شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر يىلدا 200 مىڭ توننا ئىمپورت قىلىش مىقدارى ئېشىپ 1 مىليون توننىغا يېقىنلاشتى» دېدى تيەنماشىڭ ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى لى چۇاڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ