مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەرقىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2019.07.31 21:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن شەرقىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، جەزمەن تاماملايدىغان سىياسىي ۋەزىپە. ھازىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەسىلىنى تۈزىتىش ۋە مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماي، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى نامايان قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نىشانى، ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلەپ، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا مەركەزلىك كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى، ئۆلچىمىگە دىققەت مەركەزلەشتىمۇ - يوق، ئاساسىي سانلىق مەلۇمات مۇكەممەللەشتىمۇ - يوق، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرى ئارقىلىق نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش مېخانىزمى راۋانلاشتىمۇ - يوق، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتىمۇ - يوق قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، كەنتمۇكەنت، ئائىلىمۇئائىلە، ئادەممۇئادەم ئايرىپ تەكشۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئاساسىي سانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇشنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەر ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەل جايىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش، دەل جايىدا ئاساسنى پۇختىلاش، دەل جايىدا مۇستەھكەملەپ ئۆستۈرۈش، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، قوللاش جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ «بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ئۆزى سەپكە ئاتلىنىشى، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىشى، ھەل قىلىشى، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمەي ۋەزىپىنى تاماملاشقا تەسىر يەتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ