مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاغىلىق قاتناش ساقچىلىرى شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلدى

2019.07.31 21:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ يۈمېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چۇ ۋېيجيەن خەۋىرى: «ياخشىمۇسىز، ئالدىمىزدىكى يولنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟» «ياخشىمۇسىلەر، سىلەر بايا ئاقاز داۋىنىدىن ئاشتىڭلار، ئەمدى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4969 مېتىر كېلىدىغان سەيلى داۋىنىدىن ئاشىسىلەر، ئاپتوموبىلدىكى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قانداقراق ؟ ئەگەر ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى كۆرۈلسە، مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسېگىن سۈمۈرۈۋالسا بولىدۇ!» بۇ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى G219 لىنىيەسى شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىنىڭ 127 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى قاتناش ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت پونكىتىدا دېيىلگەن سۆزلەر. بۇ مۇلازىمەت پونكىتى دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز تاشيول __ شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىغا جايلاشقان.

  G219 لىنىيەسىدىكى شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى شىنجاڭ بىلەن شىزاڭنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز تاشيول، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاساسلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان ئۆزگىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسى. بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىغا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ۋېلىسپىت مىنىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئەتراپىدا ئاشقان.

  مۇخبىرنىڭ قاغىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، G219 لىنىيەسى شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى كۇئېنلۇن تېغىدىكى ئېگىز، تىك چوققىلارنى كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئەڭ خەتەرلىك يوللارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چېگرىسىدا ئىكەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە جەلپكارلىقى بىلەن ھەريىلى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، ۋېلىسپىت مىنىدىغان ۋە پىيادە ماڭىدىغان نەچچە ئونمىڭلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلغان. ئېگىزلىكتە ئوكسىگېن كەمچىل، تىك داۋانلاردا جىددىي ئايلانما يوللار بىر قەدەر كۆپ، ھەمدە «ئادەمسىز رايون» كۆپ بولغانلىقتىن، كەڭ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىپ، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ بېشىدا، قاغىلىق ناھىيەلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى G219 لىنىيەسىنىڭ شىنجاڭ تاشيولى 127 كىلومېتىرلىق ۋە 240 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە ئىككى «قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى» تەسىس قىلغان.

  «قانۇن ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت پونكىتى»دا، قاتناش ساقچىلىرى مېنېرال سۇ، تەييارچۆپ ھەمدە ئاپتوموبىل سۆرەيدىغان ئارغامچا، ئاپتوموبىل سۆرەش ئىلمىكى، ئوت ئالدۇرۇش سىمى قاتارلىق ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قوراللىرىنى تەييارلىغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاددىي ئوكسېگىن تۇڭى، دورا ساندۇقى قاتارلىقلارنى يولۇچىلار ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدىكەن. خەلق ساقچىلىرى پونكىتتىن ئۆتكەن ئاپتوموبىللارغا ھەقسىز خەرىتە تارقىتىپ، شوپۇرلاردىن قەيەرگە بارىدىغانلىقى، ئاپتوموبىلدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى بار-يوقلۇقىنى سورايدىكەن. يولۇچىلار يېتەرلىك ئارام ئالغاندىن كېيىن خەلق ساقچىلىرى يولۇچىلارغا «شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدا يۈرۈش قاتناش بىخەتەرلىك دەرسى» سۆزلەپ، شوپۇرلارغا كېيىنكى يول بۆلەكلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ، قايسى يول بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋەقەسىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، قەيەرنىڭ خەتەرلىك يول بۆلىكى ئىكەنلىكىنى، قەيەردە تاماق يەپ، قونسا بولىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى.

  قاغىلىق قاتناش ساقچىلىرى شىنجاڭ-شىزاڭ تاشيولىدىكى يولۇچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتمە بەردى: يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قاغىلىق ناھىيەسىدە پۇختا تەييارلىق قىلىپ، تاغ يولىغا كىرىشتىن بۇرۇن ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكچى بولسا ياكى سەپەر جەريانىدا ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، دەل ۋاقتىدا ئىككى «قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى»نىڭ ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. (127كىلومېتىرلىق مۇلازىمەت پونكىتى) تۇرغۇن مامۇت، يان تېلېفون نومۇرى: 13565656464؛ (240 كىلومېتىرلىق مۇلازىمەت پونكىتى) جۇ چۈەنخوۋ، يان تېلېفون نومۇرى: 13379740188.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ