مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى»نىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ھەم ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك

2019.07.31 21:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى»نىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى» رەسمىي قۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىن يېپىق مەزگىلىدە ۋەكىللىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ۋەكىللەر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىغان يېڭى سۇپا بار بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ۋەكىللەر خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى»لىرىنىڭ ياخشى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، مۇقىم سورۇنى بولۇش، مۇكەممەل تەشكىلى بولۇش، مۇكەممەل تۈزۈمى بولۇش، كونكرېت پائالىيىتى بولۇش، كاپالەتكە ئىگە خىراجىتى بولۇشتىن ئىبارەت «بەش بولۇش ئۆلچىمى» بويىچە «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئائىلىسى»نى قۇرۇپ چىقىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرماقچى، ۋەكىللەر پائالىيىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرمەكچى، ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكچى بولدى.

ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىدا، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ توققۇز ۋەكىلى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چۆرىدەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى قانداق ياخشى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سۆز قىلدى. ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا نۇرغۇن قىممىتى، سالمىقى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ھەل قىلىپ، ياخشىلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ياخشىلاپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەپ، ئەلرايىغا ماسلىشىپ، خەلق بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆرسىتىمىز.

شاۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەتبىقلاش، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە تەتبىقلاش، خىزمەتكە تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ باشلامچىلىق بىلەن سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا مەزمۇت تۇرۇش، ئىشەنچلىك بولۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەكىتلەپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى بوشاشتۇرماي، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى جۇ خەيلۇن، مۇتەللىپ قاسىم، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ