مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە پىكىر ئېلىش يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.07.31 21:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرىمىز جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە پىكىر ئېلىش يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنىغا: قىسمەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، مەخسۇس كومىتېتلار تارماق پارتگۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن پېشقەدەم كادىرلىرى؛ ئورگاندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، ئامما قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك بىۋاسىتە باش تېمىغا ئۆتۈپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، سىياسىي، ئىدىيە، ئىستىل قاتارلىق جەھەتلەردىن سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپا بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرىغا تەكلىپ بەردى ھەم باش تېما تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆپچىلىك ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا نۇرغۇن ئورۇنلۇق پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى، بۇنىڭ بىزنىڭ مەسىلىنى ھەقىقىي تېپىشىمىزغا، يىلتىزنى چوڭقۇر قېزىشىمىزغا، يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشىمىزگە ياردىمى بار. بىز ئەستايىدىل رەتلەپ، تىزىملىك تۈزۈپ، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەرتىپكە سېلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش پوزىتسىيەسى بويىچە، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تۈزىتىش مۇددىتى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر دەل جايىدا تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىشنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «1 + 3 + 3 + ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، چارە - ئەقىل كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇشتىكى كونكرېت نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى 2- سەييارە كۆزىتىش - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ