مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2019.07.31 21:43 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرىمىز جاڭ يىڭچۇن، پىراكتىكانت چۇ شۈەنشۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 24- كۈنى، مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى خۇلاسىلىدى، 2019- يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما ئېلىپ بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىتىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەسكەرلىككە ئېلىش ئوبيېكتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى ياشلارنى ئاساس قىلىدىكەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئالىي مەكتەپتىكى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىپ، يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ياشلار ۋە شۇ قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ھەربىي سەپكە كىرىشى ئالدىن تەستىقلىنىدىكەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنىش نىسبىتى %50تىن تۆۋەن بولمايدىغانلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ %70تىن تۆۋەن بولمايدىغانلىقى، باشقا ئورۇنلارنىڭمۇ ئەسكەرلىككە ئېلىش نىسبىتى مۇناسىپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بۇ يىل ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، بەش خىل خادىم ئالدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنسا بولىدىكەن: بىرىنچى، تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى؛ ئىككىنچى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىنى - سىڭىللىرى ۋە پەرزەنتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى؛ ئۈچىنچى، ئوخشاش شەرت ئاستىدا كەسپىي ئالاھىدىلىكى بار ياشلار؛ تۆتىنچى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ياشلار؛ بەشىنچى، ھەربىي رايون خەلق ئەسكەرلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى.

ئىگىلىنىشىچە، 2019- يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن، تەشۋىق قىلىش - تىزىمغا ئالدۇرۇش، بەدەن تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ باھالاش، قايتا تەكشۈرۈپ ئەسكەر بېكىتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىپ توشۇشنى باشلاشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ