مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇرچ دادىل زىممىگە ئېلىندى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەندى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەتىجە ئۈنۈمى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان

2019.07.31 21:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرىمىز جاۋ چۇنخۇا

ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا نامايان قىلدى. پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، قايتا ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېپىپ چىقتى. ئەسلىي مەقسەت - بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي تەدبىرى، قاتتىق تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نەتىجە ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

مەسىلىنى چىڭ كۆزلىدى

ئامما كۆڭۈل بۆلگەنگە بىۋاسىتە يۈزلەندى

7- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئامبۇلاتورىيە بىناسى زالىدا، ئاغرىق جاڭ چىڭ پىكىر دەپتىرىگە ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى يازدى. باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلاردا 15 پىكىر ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ھەر ھەپتىدە ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈمى ۋاقتىدا رەتلىدى. ئامما ئىنكاس قىلغان پىكىر ۋە مەسىلىلەرنى ئاڭلاش ۋە توپلاش دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ پەرقنى تېپىشتىكى مۇھىم ئۇسۇلىغا ئايلاندى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشنىڭ خىزمەت ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، 18 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 13 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس 43 ناھىيە ۋە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان 13 ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا نەق مەيداندا ياردەم بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تاماملاپ، ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى يۇقىرى بولماسلىق، خىزمەت سالمىقى كۈچلۈك بولماسلىق، ياردەم بېرىش - يۆلەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 20 يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەركىبىدىكى ئورۇنلارغا تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، مەخسۇس بەنلەرنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتى، سىياسىتى، خىزمىتىنىڭ ئۆز ئورنى، ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىدە پۇختا، ئىنچىكە، كونكرېت ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئورگىنىنىڭ باش تېما تەربىيەسى بويىچە ياش كادىرلاردىن پىكىر ئېلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، خىزمەت، ئىدىيە، ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن ياش كادىرلارغا يۈزلىنىپ سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە بەنزە ئەزالىرى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى. مەسىلىلەرنى تۈزەش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ ھەم مەسىلە تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرمۇتۈر تۈزىدى. مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، تۈزىتىشنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، بىرمۇبىر دەل جايىدا تۈزەتتى.

ھەرىكەت ھالىتىدە تۈزەتتى

ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلدى

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇردى. سۆڭەكنى قىرىپ يارىنى داۋالايدىغان جاسارەت، ئېگىلمەس - سۇنماس غەيرەت بىلەن مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، ئەمەلىي تەدبىر چىقىرىپ، قاتتىق تەدبىر چىقىرىپ، ئامما ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ھەل قىلدى.

ئىلگىرى غۇلجا شەھىرىدىن بېيجىڭغا ئۇچۇپ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا توختىغاندا، غۇلجا شەھەر ئاھالىسى ما رۇڭ ھەر قېتىم يۈك - تاقلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، قايتىدىن ئايروپىلانغا چىقىش، ھاۋالىلىك توشۇش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرەتتى، لېكىن ھازىر ئۇ ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، بىۋاسىتە ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىغا بېرىپ ئايروپىلان ساقلىسىلا بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ كۈچ سەرپ قىلىپ، «چوڭ ئالمىشىش» مۇلازىمىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى. مىليون دەرىجىلىك تارماق لىنىيە ئايروپورتى پورتتىن ئايرىلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مىليون دەرىجىلىك تارماق لىنىيە ئايروپورتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە ئالمىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان «راۋان مۇساپىلىك ئايروپىلانغا چىقىش» كەسپىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇردى.

6- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلە بىرقەدەر كۆپ داۋالاش مۇلازىمەت كەسپىدىكى قالايمىقان ھادىسىلەر توغرىسىدا جەمئىي 266 يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالدى، مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى رەتلەش، تەھلىل قىلىش ئارقىلىق قىممىتى بار يىپ ئۇچىدىن 61نى بايقىدى، نۆۋەتتە، مەخسۇس دېلونى مەخسۇس تەكشۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ تۈزەتتى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا دورا، ئۇپرىما ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى دائىملاشتۇرۇپ، ھەر ھەپتىدە، ھەر ئايدا ئاشكارا ئېلان قىلدى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى نامۇۋاپىق دورا ئىشلىتىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا چاقىرتىپ سۆزلەشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئاممىنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇشنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدا ئەلرايىنى تەكشۈرۈشنى كەڭ قانات يايدۇردى. 2017 - يىلىدىن بۇيان ئاپتوموبىللارنىڭ چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ توشۇشىنى تۈزەشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش دېلولىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى تۈزىتىپ، بىر - بىرلەپ تۈرگە ئايرىپ رويخەتكە ئېلىپ، خىزمەت تىزىملىكى تۈزۈپ، بايقىغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقى ۋە ئەخلاق تۆۋەن چېكى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزدى.

مېخانىزم شەكىللەندى

نەتىجە ئۈنۈمىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۈزىتىش»نى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، ھازىر تۈزەتكىلى بولىدىغانلىرىنى ۋاقىت چېكى ۋە تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەرەلىدە، جايىدا تۈزەتتى؛ ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىرىنى چىڭ كۆزلەپ قويۇپ بەرمەي، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق باسقۇچ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ سىجىل تۈزىتىپ، تىرىشىپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنىڭ ۋاقتى ئۆتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش تورى ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشى كېيىنرەك، خىزمەتنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى نىسبەتەن ئاستا بولۇشتەك ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تور قۇرۇلۇشى خىزمەت پىلانى تۈزۈپ، ھازىر بار بولغان 21 سۇپىنى بىرىكتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇچۇر يېگانە ئارىلىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئالاقىسى راۋان، ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىجادىي قوللىنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلدى.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىش، ئېغىر كېسەل بولغان ئاغرىقلار، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مالىيە نازارىتى بىلەن بىرلىكتە «2019- يىللىق شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى تۆلەش چېكىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %50ى بويىچە بېكىتتى؛ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدە ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى %50تىن %60كە ئۆستۈردى؛ نامرات ئاھالىلەرگە مايىللاشقان كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىكى دەسلەپكى تۆلەش چېكىنى %50كىچە تۆۋەنلىتىپ، ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى بەش پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشتىكى يۇقىرى چەكنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى تىزىملاش - باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى توردا بېجىرىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. دائىملاشقان خىزمەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە مەمۇرىيەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار جەزمەن باش تېما تەربىيەسىدە ئۇرغۇپ چىققان ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ