جېجياڭدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى «يىراق مۇساپىلىك ئۇلتىرا ئاۋاز» ئارقىلىق شىنجاڭدىكى بىمارلارغا كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى

2019.07.31 21:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 «يىراق مۇساپىلىك ئۇلتىرا ئاۋازلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش» سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېر ئېكرانىدا بىمارنىڭ ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەسۋىرى كۆرسىتىلمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما شاۋبىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئېكراندىن 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىن يەتكۈزۈلگەن جىگەر ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەسۋىرى بىلەن نەق مەيداندا تەكشۈرگەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈۋاتقان پېڭ چېڭجۇڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدىكى بىمارغا يىراقتىن كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇۋاتاتتى.

  پېڭ چېڭجۇڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۇلترا ئاۋاز تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يېقىندا ئۇ «يىراق مۇساپىلىك ئۇلتىرا ئاۋازلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش» سىستېمىسى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئۇلترا ئاۋاز بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى خېڭ ۋېيغا ياردەم بېرىپ، بۇ جىگەر راكى دەپ گۇمانىي دىياگنوز قويۇلغان بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويدى .

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «يىراق مۇساپىلىك ئۇلتىرا ئاۋازلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش» سىستېمىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ھەر ھەپتىدە قەرەللىك يىراقتىن ئۇلترا ئاۋازلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە 20دىن ئارتۇق مۇرەككەپ ۋە داۋالاش قېيىن كېسەلگە ئېنىق دىياگنوز قويۇشقا ياردەم بەرگەن.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى تۇ جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: ئەڭ يېڭى تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەسۋىر ۋە پرېسلانمىغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش سۈرەت ماتېرىياللىرىنى يەنە بۇلۇت سىستېمىسىدا بىخەتەر ساقلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق مەشغۇلات خادىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قاتتىق دېتال كاشىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  تۇ جيەنفېڭ مۇنداق دېدى: «يىراق مۇساپىلىك ئۇلتىرا ئاۋازلىق كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش» سىستېمىسىنىڭ قوللىنىلىشى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىمارلارنى ئەلا سۈپەتلىك دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە شۇ جايدىكى دوختۇرلارنىڭ كېسەلگە دىياگنوز قويۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولدى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ