مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.07.31 21:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 7- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، توك، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بۇ مەسىلە ياخشى ھەل قىلىنمىسا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەلىپى بويىچە، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «سۈرئەتنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش»نى پىلانلاش، چېقىش - كۆچۈرۈش، ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، ياخشى ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشى كېرەك. قۇرۇلۇش كەسپى ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئېھتىياجى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ ئىگىلەپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ئۆينى ئىلمىي، مۇۋاپىق لايىھەلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك. كەڭ ئاممىنىڭ تېجەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پار بىلەن تەمىنلەش بايلىقىنى قەدىرلەپ، ئېنېرگىيە تېجەش بويىچە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پار بىلەن تەمىنلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نېيترال سۇدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇ بايلىقىنىڭ تەمىنلەش - تەلەپ زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېكولوگىيە بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ