مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالاھىدە مېھىر - مۇھەببەت ئارقىلىق ئالاھىدە بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

− تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى چېن جىنرۇڭ توغرىسىدا

2019.07.31 21:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

تۈن كېچە، چۆچەك شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ خىزمەت بىناسىدا يەنىلا بىر چىراغ يېنىقلىق تۇراتتى، چېن جىنرۇڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كومپيۇتېردا خەت ئۇرۇۋاتاتتى. «بۇ ئىككى كۈندە مەن ئومۇمىي مەنپەئەت كۇرسىغا قاتنىشىۋاتىمەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەش مەزمۇنلىرىنى ياخشى رەتلەپ، ياخشى خۇلاسىلەپ، باشقا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆگىنىمەن» دېدى ئۇ.

چېن جىنرۇڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، 2000- يىلى ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتىگە ئاتلانغان، ئۇ بۇ خىزمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. 19 يىللىق چىڭ تۇرۇش داۋامىدا، مەكتەپ ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.

■ ئالاھىدە مائارىپ خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىش

2000- يىلى 9- ئايدا، سابىق چۆچەك شەھەرلىك گاس - گاچىلار مەكتىپى (ھازىرقى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى) قۇرۇلۇشقا باشلىغاندا، چېن جىنرۇڭ − ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن قىزچاق بۇ يەرگە كېلىپ ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى.

«ئەينى چاغدا مەن سەل پۇشايمان قىلىپ، كەسىپنى خاتا تاللاپ قويغاندەك ھېس قىلغانىدىم» دېدى چېن جىنرۇڭ ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا. چۈنكى مەكتەپ ئەمدىلا قۇرۇلغاچقا، دەرسخانىدا پەقەت بىر مۇنبەر، بىر دوسكىلا بار ئىدى، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى ئاددىي ئىدى. بالىلار بارماق تىلىنى بىلمىگەچكە، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، چېن جىنرۇڭ «قول - پۇتىنى ئوينىتىش»تەك مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، لەۋ تىلى، يېزىق، قول ئىشارىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، بىر بارماق تىلى ھەرىكىتىنى دائىم 100 قېتىمدىن ئارتۇق تەكرارلىدى. بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن چۈشكەندە ئۇ ھەمىشە چارچاپ كەتكەنلىكتىن گەپ قىلغۇسىمۇ كەلمەيتتى.

چېن جىنرۇڭنىڭ بۇ خىزمەتتىن يالتايغۇسى كەلدى، ئەمما بالىلارنىڭ غۇبارسىز كۈلۈمسىرەشلىرى ۋە ئۈمىدلىك قاراشلىرى ئۇنىڭ بۇ ئويىنى ئۆزگەرتتى. «بالىلار ناھايىتى سەبىي، شۇنداقلا ماڭا ناھايىتى تايىنىدۇ، مەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قىيمىدىم» دېدى ئۇ.

پايدىلىنىدىغان تەييار ئەندىزە يوق، ئۆرنەك قىلىدىغانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە يوق، قانداق قىلغاندا بۇ بالىلارنى ياخشى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ؟ چېن جىنرۇڭ ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز - خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى كۆزىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىگىلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىدە ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئوقۇتۇش مېتودىنى خۇلاسىلەپ چىقتى.

«بۇ بالىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا، جەزمەن سەۋرچان بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش كېرەك» دېدى چېن جىنرۇڭ. ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاددىي بىر پىنيىن، ھەرپ، بىر ئاددىي سۆزلۈكنىمۇ 100 قېتىملاپ، 1000 قېتىملاپ مەشىق قىلدۇرۇشقا، بارلىق بەدەن تىلىنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىر تەلەپپۇزدىن بىر خەتكىچە، ئاندىن بىر سۆزگىچە، سۆزدىن يەنە جۈملە تۈزۈشكىچە، جۈملىلەرنى باغلاپ ماقالە يېزىشقىچە... بالىلاردىكى ئازىراق كىچىككىنە ئىلگىرىلەشمۇ چېن جىنرۇڭنى خۇشال قىلدى ۋە ئىپتىخارلاندۇردى.

چېن جىنرۇڭنىڭ غەمخورلۇقىدا بىر قارار، بىر قارار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، كىشىلىك ھايات يولىدا ئۈزلۈكسىز مۆجىزە ياراتتى. «بالىلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق جەمئىيەتكە سىڭىشىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان ئەمگەكچىلەرگە ئايلىنىشى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ بەختلىك ئىشى» دېدى چېن جىنرۇڭ.

■ بالىلارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۆزى بەخت

7- ئاينىڭ 2- كۈنى، چېن جىنرۇڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كىرىشى بىلەن بالىلار ئۇنى ئورىۋالدى. بۇنداق مەنزىرە كۈندە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.

چۈنكى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياتاقلىق تۈزۈمدە بولغاچقا، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن، چېن جىنرۇڭ يەنە ئانىلىق مەسئۇلىيەتنىمۇ زىممىسىگە ئالغان. «بۈگۈن گەپ ئاڭلىدىڭلارمۇ - يوق؟» «بۈگۈن تاماقنى ياخشى يېدىڭلارمۇ؟» «بۈگۈن خۇشال بولدۇڭلارمۇ؟»... بالىلارنىڭ چىن كۈلۈمسىرەشلىرىدىن چېن جىنرۇڭ ئىنتايىن بەخت ھېس قىلدى.

«ئالاھىدە مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەسپىي بىلىملەرنى ھازىرلاپلا قالماي، يەنە ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ھەم ئۇنى كۆزىتىشىمىز كېرەك» دېدى چېن جىنرۇڭ. مەكتەپ ئەمدىلا قۇرۇلغاندا، ئۇ بالىلار بىلەن يېتىپ - قوپۇشتا، تاماقتا، تۇرمۇشتا بىللە بولدى، كۈندۈزى ئوقۇتقۇچى بولسا، كەچتە ئانا بولۇپ، بالىلارغا تاماق يېگۈزۈپ، كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالدى.

مەكتەپكە ئىلگىرى ئالتە ياشلىق بىر قىزچاق كەلگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغاچقا، ھەر كۈنى ياتاقنىڭ بۇلۇڭىدا تۈگۈلۈۋېلىپ ئۈن - تىنسىز يىغلايتتى. چېن جىنرۇڭ بايقىغاندىن كېيىن، ئىللىق گەپ - سۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، كۈندە كەچتە ئۇنى باغرىغا بېسىپ پەپىلەپ ئۇخلاتتى. تەدرىجىي، قىزچاق ئوچۇق - يورۇق بولۇپ ئۆزگەردى.

«مەن بەدەل تۆلەش بىلەن بىللە يەنە بالىلار بەرگەن خۇشاللىققا ئېرىشتىم.» چېن جىنرۇڭ ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى تەسىرلىنىدىغانلىقى، دائىم بالىلار ھال سوراپ ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپكە كېلىپ ئۇنى يوقلايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن بالا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئايلىنىپ، ئارزۇسىدىكى داشۆلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، بەزى بالىلار دۇكان ئاچتى، بەزىلىرى توي قىلىپ بالىلىق بولدى... ئوقۇغۇچىلار تىلغا ئېلىنسا، چېن جىنرۇڭ چەكسىز خۇشال بولىدۇ.

■ بالىلارغا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قانىتى ئاتا قىلىش

2012- يىلى، چېن جىنرۇڭ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقى، مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، زىممىسىدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئۇ، يېڭى دەۋردىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مول كەسپىي ماھارەت، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھازىرلاپلا قالماي، يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئوقۇتۇش ئىدىيەسىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

چېن جىنرۇڭ كۆپ قېتىم ئىچكىرى جايلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆگەندى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشپەزلىك، كومپيۇتېر، كەشتىچىلىك قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلدى. «مەكتەپ بالىلارغا گەپ قىلىشنى ئۆگىتىپلا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاشنى ئۆگىتىشى كېرەك. بۇ دەرسلەر تەسىس قىلىنسا بىر قىسىم بالىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ» دېدى ئۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە مۇستەقىل ئۇنىۋېرسال مەشىق ئۆيى، قىزىقىش دەرسخانىسى، پىسخىك مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش ئۆيى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى، ھازىر مەكتەپتە ئەقىل يېتىشتۈرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېچىش، كەسپىي ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش، مەكتەپ ئىچى - سىرتىنى يۇغۇرۇش ئوقۇتۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى.

«كەسپىي بىلىمى بار، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگە بولۇش بالىلارنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاچقۇچ» دېدى چېن جىنرۇڭ. مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئوقۇتقۇچى ئادەتتىكى مەكتەپلەردىن ئالمىشىپ كەلگەن، ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىغان بولغاچقا، ھەربىر يېڭى ئوقۇتقۇچىنىڭ بارماق تىلىنى تېزرەك ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش چېن جىنرۇڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، چېن جىنرۇڭنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن، 40 نەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەممىسى بارماق تىلىنى پىششىق ئىگىلىدى.

«ھەربىر ئادەمنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش ھوقۇقى بار، ئالاھىدە بالىلار قاناتلىرى سۇنغان پەرىشتىگە ئوخشايدۇ، مېنىڭ قىلىدىغىنىم ئۇلارغا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قانىتى ئاتا قىلىش. مەن بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىمەن، بۇ بالىلارنى سۆيىمەن، مەن بۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمەن» دېدى چېن جىنرۇڭ ھاياجان بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ