مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئورتاق ياشاۋاتقان چوڭ ماكان

ما داجېڭ جوۋ ۋېيپىڭ

2019.07.31 21:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون. كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش شىنجاڭ تارىخىدا مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشىدىكى روشەن ئالاھىدىلىك.

تارىختىن بۇرۇنقى مەزگىلدىكى شىنجاڭ كۆپ خىل ئىرقتىكىلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون ئىدى. بۇ مەزگىلدىكى شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئىنسانلارنىڭ باش سۆڭىكىنى باھالاپ بېكىتىش ماتېرىيالىدا، يەرلىك ئاھالىلەر ئىچىدە ھەم ياۋروپا ئىرقىدىكىلەرنىڭ بارلىقى، ھەم موڭغۇل ئىرقىدىكىلەرنىڭ بارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىككى ئىرقتىكىلەر ئارىلاش تىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى، بۇ، مۇشۇ مەزگىلدىكى شىنجاڭنىڭ بىرلا خىل ئىرقتىكىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خەن دەۋرىگىچە، شىنجاڭ رايونىدا پائالىيەت قىلغان مىللەتلەر ساكلار، روۋجىلار، ۋۇسۈنلار، چياڭلار، ھونلار ۋە خەنلەرنى ئاساس قىلغان. تەخمىنەن مىلادىيە 2- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سىيانپىيلار شىنجاڭ رايونىغا كىرگەن. 402- يىلى، جورجانلارنىڭ تەسىر كۈچ دائىرىسى غەربتە ئاگنىغىچە كېڭەيگەن، جورجانلارمۇ شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مىللەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 487- يىلى، جورجانغا تەۋە قاڭقىللار غەربتە بۈگۈنكى تۇرپان ئەتراپىغا كۆچۈپ قاڭقىللار بەگلىكى قۇرغان، بۇنىڭ بىلەن قاڭقىللارمۇ تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مىللەتلىرىنىڭ بىر يېڭى ئەزاسىغا ئايلانغان.

سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر قاتارىغا كىرگەنلەردىن ئاساسلىقى تۈرك، تۇبۇت، قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) قاتارلىقلار بار. 6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، پەيدىنپەي كۈچەيگەن تۈركلەر 583 - يىلى شەرق، غەربتىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەتكە بۆلۈنگەن، غەربتىكى ھاكىمىيەت قارىمىقىدا بۈگۈنكى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي يۇرت رايونى بار. تۇبۇتلار بۈگۈنكى زاڭزۇلارنىڭ ئەجدادى. 662 - يىلىدىن كېيىن، تۇبۇتلار غەربىي يۇرتقا ئۈزلۈكسىز لەشكەر چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن تۇبۇتلارمۇ شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىغان. 744 - يىلى قۇرۇلغان قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) خانلىقى ئىلگىرى كۆپ قېتىم لەشكەر چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىگە ھەمكارلىشىپ تۇبۇتلاردىن غەربىي يۇرتنى تالىشىپ، كېيىنكى قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥) (خۇيخۇ <回鹘> دەپمۇ ئاتالغان)لارنىڭ كۆچۈپ كىرىشىگە ئاساس سالغان. 840 - يىلى، بىر قىسىم قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لار غەربتە بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىغا كۆچكەن. غەربتە شىنجاڭغا كۆچكەن قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لار شۇ جايدىكى باشقا قوۋملار بىلەن ئۈزلۈكسىز يۇغۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.

سۇڭ، لياۋ، جىن، يۈەن سۇلالىلىرى مەزگىلىدە، يېڭى مىللەت ئەزالىرىنىڭ كۆچۈپ كىرىشى توختاپ قالمىغان. 1124 - يىلى، قىتان ئاقسۆڭىكى يوللىغ تاشىن بىر قىسىم قەبىلىلەرنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ، غەربىي لياۋ ھاكىمىيىتىنى قۇرغان، ئۇنىڭ تەۋەلىكى بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەم ئۇنىڭ غەربىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئارقىدىن موڭغۇللار 1217 - يىلى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن زور مىقداردىكى موڭغۇللار شىنجاڭ رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن. موڭغۇللار شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تۈركۈمدىكى جورجىتلار، قىتانلار، خەنلەر، تاڭغىتلارغا شىنجاڭغا بېرىش ئالۋىنى سالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشى شىنجاڭدا تۇرۇپ قېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاھالىسىگە ئايلانغان.

چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭ ھەم تۇرپان، قومۇل قاتارلىق رايونلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. كېيىن چىڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى يىغىپ ئىلى رايونىغا بېرىپ بوز يەر ئېچىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا سالغانلىقتىن، تارقىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيگەن. قازاقلار چاررۇسىيەنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشى ئىچىگە قاراپ كۆچۈپ، تارباغاتاي، ئىلى، ئالتاي، سانجى، ماناس، ئۈرۈمچى، گۇچۇڭ، مورى، باركۆل قاتارلىق جايلارغا كەلگەن. بۇ مىللەتلەر تارقالغان رايون ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش بىلەن بىللە، مانجۇ، داغۇر، شىبە، خۇيزۇ قاتارلىقلارمۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭغا كۆچۈپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرا سىرتىدىن يەنە ئۆزبېك، تاتار، رۇس قاتارلىق مىللەتلەرمۇ كۆچۈپ كىرگەن.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭ كۆپ مىللەتنىڭ ئورتاق ماكانى، ھازىرقى زاماندا شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئاللىقاچان يوقالغان مىللەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىنجاڭ ھەرگىزمۇ قايسى بىر مىللەتكە خاس ماكان ئەمەس.

شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانى دەل جۇڭخۇا مىللىتى بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. چىڭ سۇلالىسى يېقىنقى زامان جۇڭگو تېررىتورىيەسىگە ئاساس سېلىپلا قالماي، بەلكى ئايماق، خوشۇن تۈزۈمى، ئۆلكە تۈزۈمى قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن» ئاساسىي ئەندىزىسىنى ياراتقان.

شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ئەندىزىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى داۋامىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش نۇرغۇن جەھەتتە نامايان بولىدۇ. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان بوستانلىق ئىگىلىكى بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى بىر قەدەر كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە قىلغان، ھالبۇكى ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى يولىغا جايلىشىش يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنى يىپەك يولى بويىدىكى بېكەتلەرگە ئايلاندۇرغان، بۇ بېكەتلەردىن كەينى - كەينىدىن ئۆتۈپ تۇرغان ئادەملەر ۋە ماددىي ئەشيالار ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرغان، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مەسىلەن، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، قوچۇ قەدىمكى ئۇيغۇر(回鹘) خانلىقى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاغاتاي خانلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق ئالماشتۇرۇش ۋە يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا بارلىققا كەلگەن، ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسى ئىچىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلىدە بولۇپ، ھەممىسىلا تېررىتورىيە ئىچىدىكى ھەرقايسى مىللەت(قوۋم)لەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

نۇرغۇن ھازىرقى مىللەتلەر، مەسىلەن، ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، رۇس قاتارلىقلارنىڭمۇ كۆپىنچىسى تارىختىكى نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. بۇ جەرياندا، يېڭى مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچۈپ كىرىشى بىر تەرەپتىن شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتنىڭ تارقىلىش ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مىللەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، مەسىلەن، قەدىمكى ئۇيغۇر(回纥)لارنىڭ غەربكە كۆچۈشى ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىشتىمۇ مۇھىم رول ئويناپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئازادە ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن تەمىنلىگەن، مەسىلەن، خەن، تاڭ سۇلالىلىرى مەزگىلىدە خەنزۇلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ، شىبە، موڭغۇللارنىڭ غەربكە كۆچۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىدا زۆرۈر بولغانىدى.

شىنجاڭدىكى تارىختا يوقالغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مىللەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، پارلاق غەربىي يۇرت مەدەنىيلىكىنى ئورتاق ياراتقان. تارىختا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىچكىرى جايلار بىلەن بولغان ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانى ئۆز نۆۋىتىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىش جەريانى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئۆزئارا تۇتاشقان، قان قېرىنداشتەك يۇغۇرۇلغان، تەقدىرى ئۆزئارا باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ كۈنسېرى زىچ ئۇيۇشقان، جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىمۇ تەدرىجىي شەكىللەنگەن ھەم ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلگەندە ھەمىشە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغان. 1840- يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 100 نەچچە يىلدا، جۇڭگو غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى، بوزەك قىلىشىغا كۆپ قېتىم ئۇچرىغان. دۆلەت كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىشقا دۇچ كەلگەن، جۇڭخۇا مىللىتى ھايات - ماماتلىق خەتەرلىك جىددىي پەيتكە دۇچ كەلگەندە، غەربىي شىمال رايونىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، موڭغۇل، قازاق، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەت قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلانغان.

چاررۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا، چۆچەكتە، 19- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئەن يۈشيەن، شۈ تيەنياۋ باشچىلىقىدىكى چۆچەكتىكى ھەر مىللەت كان ئىشچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، چاررۇسىيەنىڭ چۆچەكتىكى سودا چەمبىرىكىنى بىراقلا كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، خورىكى ئۆسۈپ كەتكەن تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھەيۋىسىگە ئېغىر زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلغان.

ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن 12 يىلدا، جاللاتلىق قىلىچىغا تايىنىپ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ياۋۇزلارچە قانلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن. قەشقەردە 1865- يىلى ياقۇپبەگ چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەندە، ئالدى بىلەن قوزغىلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرغىنى قەشقەر ئەتراپىدىكى قىرغىز مىللىتى خەلقى ئىدى. خوتەندە 1867 - يىلى ياقۇپبەگ تاجاۋۇزچى قوشۇنى ھۇجۇم قىلغاندا، خوتەندىكى لەشكەر، خەلق ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭ قىلغان، ئەر - ئايال، ياشانغانلاردىن بالىلارغىچە بىرلىكتە جەڭگە ئاتلىنىپ، شەھەرنى بىر ئايدىن كۆپرەك ساقلىغان. كۇچادىكى ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ھەر مىللەت خەلق دۈشمەنگە باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياقۇپبەگنىڭ چوڭ ئوغلى خۇداقۇلبەگنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

1875- يىلى، چىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى سۈت - قايماق، كالا، قوي بىلەن چىڭ قوشۇنىنى كۈتۈۋالغان. قەشقەر بېگى ئابدۇرېھىم قاتارلىق كىشىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنغا يول باشلىغۇچى بولغان. قەشقەرلىك سودىگەر بەختى قاتارلىق كىشىلەر چىغىر يول ئارقىلىق مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ، ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ شىمالىي شىنجاڭدىكى شىخوغا يېتىپ بېرىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ لەشكىرىي ۋەزىرى جىن شۇن بىلەن كۆرۈشۈپ، جىن شۇنگە «قەشقەر بېگىنىڭ ئەرزنامىسى»نى تارباغاتايدىكى بارگاھتا تۇرۇشلۇق مۇۋەققەت ئىلى جياڭجۈنى رۇڭ چۈەنگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، قەلبىنىڭ ۋەتەنگە ئىنتىلىش، بىرلىككە كېلىشنى ئۈمىد قىلىش كۈچلۈك ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئىلى رايونىدا ياشاۋاتقان شىبە خەلقى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ ئاشلىقنى ھەربىي بارگاھقا يەتكۈزۈپ بەرگەن. 1877- يىلى 4- ئايدا، چىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى ليۇ جىنتاڭ قوشۇن باشلاپ كېلىپ، داۋانچىڭنى ئىگىلىۋالغان ياقۇپبەگ قوشۇنىنى قورشىۋالغان. ئىككى قوشۇن تىركىشىپ تۇرغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شەھەر ئىچىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي يوشۇرۇنچە شەھەر سىرتىغا چىقىپ، مۇھىم ئاخباراتنى چىڭ قوشۇنىنىڭ بارگاھىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن. چىڭ قوشۇنى جەڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، داۋانچىڭ، توقسۇن قاتارلىق شەھەر - بازارلارنى بىراقلا قايتۇرۇۋالغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشىدا، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى بىر يېرىم يىل ۋاقىتتىلا ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغان.

قىسقىسى، تارىختا ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشتىن شەكىللەنگەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسى بىلەن يۇغۇرۇپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. يېقىنقى زاماندا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۇلۇغ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يۈكسەلدۈردى، شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو تارىخىنىڭ خوجايىنى بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇرغۇتتى ۋە كۈچەيتتى، بۇ ھەم چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلاندى.

(ئاپتورلار جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى)

(2019 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ