مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىككىنى قوغداش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش  تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇش

− ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

2019.07.31 21:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«<ئىككىنى قوغداش>نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى باش ۋەزىپە.» مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئېنىق تەلەپ قويۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتتى، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار «ئىككىنى قوغداش»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى سېلىشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇردى.

■ نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باشتىن - ئاخىر ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىشتا چىڭ تۇردى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك بولۇش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئىشىنىپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي شۇ بويىچە قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي توسۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلار پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرىنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، ياچېيكىنى بىرلىك قىلىپ پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل، ئەينەن ئۆگىنىپ، مەخسۇس تېمىدىكى مۇھاكىمە، تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

7- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

7- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كوللېكتىپ ئۆگەندى ھەم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرى چوڭقۇر شەرھلەنگەن، دەپ قارىدى، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتىن، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن باشلاپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارتىيە مەكتىپى پارتىيە ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلگەن، پارتىيە ئۈچۈن قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىدىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ(شۆيۈەن) مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن مۇنداق دېدى: «بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھەقىقىي ئىشىنىپ، سەمىمىي يولغا قويۇپ ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، ئۆز ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنىڭ پارتىيە مەكتىپىدە كەم - كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆگىنىپ چىقىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىش. چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىدىيەدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىياتتا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

■ تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

«ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى پەرقلەرنى، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش جەھەتتىكى پەرقلەرنى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش جەھەتتىكى پەرقلەرنى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتىكى پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش... ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، ئىدىيە، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە باغلاپ، پەرقلەرنى تېپىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئاساسىدا، بۆلۈم رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا سېلىشتۇرۇپ، مەۋقەنى تارماقنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ تېپىپ چىقىپ، مەخسۇس تۈزەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى.

«ئىلگىرى بىز بەزىدە كەسپىي خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى دېگەندەك چىڭ تۇتالمىغان، ئۆزلەشتۈرۈشىمىزمۇ دېگەندەك تولۇق بولمىغان...» يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئورگىنىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆز مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتىكى ئەينەك قىلىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى(ئىسلاھات ئىشخانىسى) پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، ئۆزىنى تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەتبىقلاپ، خىزمىتىنى تەتبىقلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى «يېتەرسىزلىكلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىش، ئەستايىدىللىق بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىش» مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىپ، «نەمۇنىلىك تارماق بەرپا قىلىش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇش» نىشانىغا بىرلەشتۈرۈپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش، دەرھال تۈزىتىشكە تۈرتكە بولدى.

تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى تاپتى، تىرىشىش يۆنىلىشىنى توغرا تاپتى، ياخشىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتتى.

■ پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش

ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىشتەك ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەسئۇلىيەت تۈزۈمى»دىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئاساسىي تۈزۈمدىن باشلاپ چىڭىتىپ، كۈندىلىك قائىدىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئىنتىزامنى چىڭىتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، تىرىشىپ ئۈلگىلەردىن بولۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچىنى ئۆستۈردى.

سىياسىي قۇرۇلۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتتە كۈچەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ «رول»ىنى پۇختا ئىگىلەش؛ نەزەرىيەدە قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ «ئالتۇن ئاچقۇچ»ىنى ئىگىلەش... ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئالتە تۈرلۈك تەدبىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقتى.

«بىز چوقۇم پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىدا <ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش> تەلىپىنى كونكرېت ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن مېي.

مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پاكلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق ۋە پاكلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىش، ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، قول تۇتىدىغان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈپ، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئورگاننىڭ روشەن خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ