مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

24 دۆلەتنىڭ تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شىنجاڭدا زىيارەتتە بولدى

جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلدى  ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ما كەي، ليۇ شىنيۈ

2019.07.31 21:28 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا كىرىش» باش تېما زىيارەت پائالىيىتى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلىتىمىز ۋە ئامېرىكا، رۇسىيە، ئىتالىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ياپونىيە، ئىران قاتارلىق 24 دۆلەتتىن كەلگەن مۇخبىرلار شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايغا بېرىپ چوڭقۇرلاپ زىيارەت قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئىسلام دىنى دىنىي خادىملىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى. كۆپ دۆلەت مۇخبىرلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە قۇۋۋەتلىدى.

■ قانۇن بويىچە تېررورىزمغا زەربە بېرىش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قۇۋۋەتلىدى

20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر(«ئۈچ خىل كۈچ») جۇڭگو شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم چاتما زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ - ئىناق تەرتىپىگە، ئىتتىپاق - ئالغا باسقان كەيپىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى.

شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو مىساللىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، رۇسىيە «كومسوموللار ھەقىقىتى گېزىتى» خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدۋارد ئوتاكارلوۋىچ چېشنېكوۋ مۇنداق دېدى: «رۇسىيەمۇ تېررورىزمنىڭ خەۋپىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان، تېررورىزم پۈتۈن يەر شارى ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قانۇن بويىچە ئاز ساندىكى ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم مەنبەدىن تۈزەشكە ئېتىبار بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يۈزبېرىشتىن ئىلگىرى يوقاتتى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا ئۇدا 30 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى.

«تېررورىزم ئۆزبېكىستاندىمۇ مەۋجۇت، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي زەربە بېرىش ۋە يوقىتىش. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارىتا قوللانغان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەدبىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ، 30 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈزبەرمەپتۇ، بۇ، بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ» دېدى ئۆزبېكىستان مۇخبىرلار جەمئىيىتى فەرغانە ئوبلاستى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋوبىدوۋ مۇھەممەد دولويىموۋىچ.

■ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى چېگرا سىرتىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى

تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش مۇھىتى ۋە تۇپرىقىنى تۈپتىن يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈزبېرىشتىن ئىلگىرى يوقىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە ئاپپاراتلىرىنى ۋاسىتە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان تەلىم - تەربىيە ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

ھالبۇكى، چېگرا سىرتىدىكى بەزى كۈچلەر ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، پاكىتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى ئەيىبلىدى، قارىغۇلارچە سۆكتى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، كۆپ دۆلەت مۇخبىرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يېڭىشەھەر ناھىيەلىك، ئاتۇش شەھەرلىك، ئونسۇ ناھىيەلىك، قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ دەرسىنى سىرتتىن ئاڭلىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياتاقلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كۆردى ھەم نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچى، ئوقۇتقۇچىدىن دەرس تەسىس قىلىش، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش، ياتاق - تاماق ۋە داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش، ھېس قىلىش ئارقىلىق، كۆپ دۆلەت مۇخبىرلىرى شىنجاڭنىڭ تەلىم - تەربىيە خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى، چېگرا سىرتىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بۇ خىزمەتنى ئەيىبلىشىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىر مەكتەپ، ئاتالمىش <جازا لاگېرى> ئەمەس.» ئىتالىيە «كەچلىك پوچتا گېزىتى» خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاۋلو سارون مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر قانۇن - نىزاملارنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، زامانىۋى جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپتۇ، گۇمانلىنىشقا بولمايدۇكى، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئەسەبىزم ئۈستىدىن غالىب كېلىش توغرا ئۇسۇل ئىكەن».

«مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ھەرگىزمۇ <جازا لاگېرى> ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغان مەكتەپ ئىكەن.» سەئۇدى ئەرەبىستان «ئوكاز گېزىتى» مەككە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇل ئەزىز رابىييىن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ چېھرىدىن چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇمنى كۆردۈم، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشتىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

تۈركىيە «نۇر گېزىتى»نىڭ باش دىرېكتورى تۇنچ ئاكچى مۇنداق دېدى: «كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى».

■ ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ قوغدالغانلىقىنى ھېس قىلدى

شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتى، خوتەن شەھىرى جامە مەسچىتى، ئاقسۇ شەھىرى رەستىجامە مەسچىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، ھەرقايسى مەسچىتلەردىكى دىنىي خادىملاردىن دىنىي خادىملارنىڭ تەربىيەلىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ سانى ۋە مەسچىت قۇرۇلۇشى، قوغدىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى سورىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان «ۋەتەن گېزىتى» ئېقىم مەسىلىلىرى بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى خالىد سالىھ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، جۇڭگودىكى مۇسۇلمانلار تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ، ھەرگىزمۇ بەزى تاراتقۇلارنىڭ <بەزىلەر جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇشىغا بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، كاشىلا قىلىۋاتىدۇ> دېگىنىگە ئوخشىمايدىكەن. مەن بۇ يەردە شۇنى كۆردۈمكى، بىرمۇ ئادەم دەخلىگە ئۇچرىماپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ».

ئىران داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئاگېنتلىقى مۇخبىرى، قوشۇمچە ئىنگلىز تىلى تەرجىمانى سەئىد سەيپىدە ھاشىمى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوللايدىكەن، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى تاللاش ئەركىنلىكى بار ئىكەن».

زىيارەت ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى، قەشقەر شەھىرى كونىشەھەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك بازىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى قىرغىز كەشتىچىلىكى تەتقىقات مەركىزى، خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى ئەتلەس زاۋۇتى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، زىيارەت قىلىپ، ئارتىسلار، خىزمەتچى خادىملار، قول ھۈنەرۋەنلەر، ئەتلەس توقۇش، كەشتە ئىشلەش ئىشچىلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

تايلاند تور ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى www.salika.co نىڭ رەئىسى ساچا پرودېپاك مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداۋېتىپتۇ، مەسىلەن، بىز ھۇزۇرلانغان ئۇسسۇل، مۇزىكا نومۇرلىرى جۇڭگونىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىنتايىن ياخشى ئەمەلىي مىسال».

ھىندىستان ئەلچىخانا ئاخبارات تېلېۋىزىيە تورىنىڭ مەسئۇلى سەئىد جاۋاد شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا مىللىيچە ئۇسسۇللۇق دىراما «غەربىي يۇرتقا مىڭ قېتىم قايتىش»نى كۆرگەندىن كېيىن، تارتىۋالغان نومۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئېلان قىلىپ، ئىككى سائەتتىلا 300دىن ئارتۇق ھىندىستانلىق تورداشنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەن، بۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتى كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدىكەن».

■ ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلانغانلىقى، ئېكولوگىيەنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىدىن ھاياجانلاندى

زىيارەت ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، قەشقەر ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولدى ھەم قەشقەر شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن يېزا - كەنت نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدا ئاھالىلەرنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىدەك مەنزىرىنى كۆردى. كۆپ دۆلەت مۇخبىرلىرى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز بولۇۋاتقانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلانغانلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلاندى.

ئىلگىرى كۆپ قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن ۋوبىدوۋ مۇھەممەد دولويىموۋىچ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭدا زامانىۋىلاشقان زاۋۇتلار بار ئىكەن، ئۇل ئەسلىھەلەرمۇ بىرقەدەر مۇكەممەللىشىپتۇ. ھۆكۈمەت پۇقرالارنى قوللاش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى ياخشى ئۆيدە تۇرىدىغان، زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان، مۇقىم مائاش ئالىدىغان قىلىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىپتۇ».

پاكىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئېقىم مەسىلىلىرى بۆلۈمىنىڭ رىياسەتچىسى ئابلا ناسىم ۋارا مۇنداق دېدى: «مەن ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى، جۈملىدىن يول، دوختۇرخانا، ساياھەتچىلەر مەركىزى قاتارلىقلارنى ياساۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، يەنە زاۋۇتتا ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنى ئىش ئورنى ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم».

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، ئىدۋارد ئوتاكارلوۋىچ چېشنېكوۋ مۇنداق دېدى: «سۈرەتتىكى بۇ يەر ئىلگىرى قۇملۇق ئىكەن، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ بىرلىكتە چۆللۈكنى يېشىل دالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، كىشىلەر مۇشۇنداق يېشىل مۇھىتتا ياشىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ