مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشتى

2019.07.31 21:27 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ 62 مىليارد 470 مىليون يۈەن تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئاشقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 45 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل چۈشۈپ %0.4 تۆۋەنلىگەن، ئىمپورت 17 مىليارد 320 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.2 ئاشقان. 3- ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئۇدا تۆت ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

سودا شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 36 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئېشىپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %58.5ىنى ئىگىلىگەن. ئادەتتىكى سودىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 21 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشقان، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا سودا شەكلىدە تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروتى، تاشقى سېلىنما، باجدىن خالىي ئامبار ماللىرى، ئىمپورت ماتېرىياللىرىنى توغرا كەلتۈرۈش ۋە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا بازار سودىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 ھەسسە، 161.8 ھەسسە، %66.2، %78.6 ۋە %60.2 ئاشقان.

قازاقىستان يەنىلا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھ دۆلىتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستانغا بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 28 مىليارد 530 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17 ئېشىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە بەش ئۈلۈشكە يېقىنراقنى ئىگىلىگەن ھەم ئېشىش ۋەزىيىتى روشەن بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىرغىزىستان، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 8 مىليارد 700 مىليون يۈەن، 4 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولغان.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا ئاساسىي كۈچ بولغان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭمۇ ئىپادىسى جانلىق بولغان. ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك ۋە ئاياغ تۈرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرى، تەبىئىي گاز، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەم ماشىنا ۋە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىق ئىمپورت تاۋارلىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى مۇھىم ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋار تۈرىگە ئايلانغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 3 مىليارد 150 مىليون يۈەن ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان، ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى 2 مىليارد 470 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.1 ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىستاتىستىكا ئانالىز باشقارمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا مۇتەخەسسىسى چېن گولياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشى تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەبنىڭ پايدىسىدىن بولدى: ئىمپورتتا زور كۆلەمدە ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلاندى؛ تاشقى مۇھىتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى تاشقى سودىسى تەكشى، مۇقىم ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى؛ شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش تۈرلۈك تەدبىرلىرى پائال ئەمەلىيلىشىپ، كارخانىلارغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئىجابىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان رايونلارنى بىرىكتۈرۈپ ئەلالاشتۇرۇشنى، ئېكسپورت بازارلىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىنى تېزلىتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىلىرىنى چېگرا سىرتىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشتە تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق كارخانىلارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشنى يەرلىكلەشتۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ