موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ياز پەسلىدىكى شوتا مەنزىرىلىك رايونى

2019.07.31 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شوتا يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى. شوتا يايلىقى موڭغۇلكۈرە ناھىيە بازىرىغا 75 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ مۇزارت مۇزلۇقىغا يېقىن، يايلاق تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ شوتا دەرياسى بويىغىچە سوزۇلغان. يايلاققا بارغاندا، كىشىنىڭ يادىغا خۇددى رىۋايەتلەردىكى گۈزەل جايلار كېلىدۇ. يېتەرلىك يامغۇر سۈيىنىڭ نەملىكى ئاستىدا، يايلاقتىكى ياۋا گۈللەر دەريا ۋادىسىنى قاپلاپ، خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش ئاستا-ئاستا رەڭ بېرىدۇ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، ئارغىماقلار، دەريا-ئېقىنلار، تاغ-يايلاقلار كىشىگە خۇددى چۆچەكلەردەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ