مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يول مەمۇرىيىتى، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈردى

دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزىتىلدى خىزمەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى

2019.07.31 15:06 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يول مەمۇرىيىتى، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، ئاساسىي قاتلام ۋە كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى بەش تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «گۈزەل ھويلا - ئاران» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلار بويىچە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش - سۆھبەتلىشىش، تەكشۈرۈش سوئال قەغىزى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دەۋا - تەلىپىنى ئىگىلىدى ھەم پۇختا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مۇنداق تەلەپ قىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار ۋە ئاياللار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى مەخسۇس پارتىيە دەرسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ. نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە ئارقىلىق، ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلىرىنىڭ نەزەرىيە ساپاسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئۆستۈرۈپ، «يۈز، مىڭ، ئون مىڭ ئايالنىڭ چوڭ تەشۋىقاتى» پائالىيىتى ۋە «ئاياللارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى» «ھەممە ئائىلە بەختلىك، تىنچ - ساغلام بولۇش قۇرۇلۇشى» قاتارلىقلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت تەدبىر، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇشقا يېتەكلەيدۇ.

  چوڭ يۈك تىرانسپورتىدا «دەرھال بېجىرىپ دەرھال يولغا چىقىش»نى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ - يوق؟ بازاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋاقتىدا تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنامدۇ - يوق؟... يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق يول مەمۇرىيىتى، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يول تىرانسپورتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئېغىر، ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىلىرى ۋە ئېغىر، ئالاھىدە چوڭ يۈك تىرانسپورتى كارخانىلىرىغا بېرىپ، «چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش»نى باش تېمىسىدىكى چوڭ يۈك تىرانسپورتى ئىجازەت مۇلازىمىتى بويىچە زىيارەت قىلىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى، ھازىرغىچە جەمئىي 14 جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسى، 89 چوڭ يۈك تىرانسپورتى كارخانىسى، 124 مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرىنى زىيارەت قىلدى.

  زىيارەت داۋامىدا، نۇرغۇن كارخانا شىنجاڭ تەۋەسىدە چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دەرھال بېجىرىپ، دەرھال يولغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  «بىز كارخانىلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق، توپلىدۇق، كارخانىلار قايتما ئىنكاس قىلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپكە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ ۋە بېكىتىپ، چوڭ يۈك تىرانسپورتى كارخانىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا دەرھال تۇتۇش قىلدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق يول مەمۇرىيىتى، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى رازىيە قاباس مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز شىنجاڭنىڭ چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋاتىمىز، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاشقا تىرىشىمىز، ۋاقتى كەلگەندە، شىنجاڭ تەۋەسىدە چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە %50 ئۆستۈرۈلىدۇ».

  رازىيە قاباس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش داۋامىدا ئۈچ چوڭ ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتتۇق: بىرىنچى، ئۈچىنچى تەرەپ كۆۋرۈك سۈڭگۈچىنى تەكشۈرۈپ ھېسابلاش ئاپپاراتىنىڭ پىكرىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈن لىنىيە بويىچە توردا بېجىرىلىدۇ؛ ئىككىنچى، «2- تۈردىكى چوڭ يۈك تىرانسپورتى»غا قارىتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئارقىغا سۈرۈش سىناق قىلىنىپ، قوبۇل قىلىش، بېكىتىش ھەم كىنىشكا تارقىتىشقىچە بولغان جەريان پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھالدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ بېجىرىلىپ، «شۇ ھامان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئۈچىنچى، شىنجاڭ چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئارقىلىق ئىش بېجىرىش تېرمىنالى (ئاندىروئىد نۇسخىسى) تەتقىق قىلىنىپ، چوڭ يۈك تىرانسپورتىدىكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرىنى «ئىشتىن چۈشمەي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، خېرىدارلار تەسىراتى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ