مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2019.07.31 15:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى، ئونسۇ ناھىيەسى ئەشيا ئوبوروتى يىغىش - تارقىتىش مەركىزى، ئونسۇ دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى كەسىپلەر باغچىسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى، بەشتۈگمەن يېزىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ، كارخانا سېخى، مەشغۇلات نەق مەيدانى، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ھەم دېھقانلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر تەرەققىياتى، سودا ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەتلىك ماركا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىرىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەلا سۈپەتلىك مېۋە بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئاساسى ياخشى، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشى، تېرىقچىلىقنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، يېتەكلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تارقاق ئىشلەپچىقىرىشىنى چوڭ بازار بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىشىنى، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى رايون بايلىقى، كەسىپ ۋە مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «خۇڭچىپو» قاتارلىق كۆزنى چاقنىتىدىغان رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە بىر تۈركۈم سۈپەتلىك ماركىلارنى يارىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە دەرىجىگە ئايرىش، ئوراش - قاچىلاش، ساقلاش - توشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، «باشقىلاردا يوقى بىزدە بار، باشقىلاردا بارنىڭ بىزدە ئەلاسى بار، باشقىلاردا ئەلاسى بولسا بىزدە ئالاھىدىسى بار» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، بازارغا تايىنىپ سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش - يەتكۈزۈش، سوغۇق زەنجىر تىرانسپورتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، سېتىشتىكى «بىر تور» ۋە توپ تارقىتىش، پارچە سېتىشتىكى «بىر سودا مەركىزى»نى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى پۈتۈن كەسىپلەر زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل ئوغۇت ئېچىتىپ ياساش ئىلمىي تەجرىبىلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىلغار تېخنىكىسىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە ئۇزارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنى بىلىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارغا رىشتە باغلىغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ئىشەنچىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ