مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاتتىق، ئەمەلىي بولۇندى  ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەندى  ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى

− ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئۇنىۋېرسال بايان (6)

2019.07.31 14:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئەۋەتكەن ئون سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋاقىتنى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىش، قاتتىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىي تۈزەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ «بەلگىلەنگەن ھەرىكەت»نى پۇختا ئىشلىشى، «ئەمەلىيەت خاسلىقى»نى قاتتىق تۇتۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوندا باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۇختا باشلىنىشى، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

■ قاتتىق، ئەمەلىي يېتەكلەندى

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى باشلىنىشى بىلەنلا، ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە چەتنەپ كەتمەسلىكىگە، دىققىتىنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكىگە، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيە خىزمىتى يىغىنى ئاخىرلاشقان كۈنى، 4- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى بىرىنچى ۋاقىتتا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ پىكىرلىشىش، ماسلىشىش يىغىنىنى ئېچىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىلەشكۈچىلەرنى بېكىتىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ، ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ خىزمەتنى يۇقىرى ئۆلچەمدە باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما يىغىنىغا قاتنىشىپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە سۈپىتىدە باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

9- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلىرىگە ھەر كۈنى خادىم ئەۋەتىپ قاتناشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. 7- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتىگە پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، «تولۇقلاپ ئۆگىنىش»نى مەركەزلىك تەشكىللەپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىپ، ھەيدەكچىلىك ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەيدەكچىلىك ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەڭ قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتتى.

4- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىلەن بىرمۇبىر يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «بىرىنچى قول» يېتەرلىك زېھىن كۈچ سەرپ قىلمىغان ئورۇنلارنى ۋاقتىدا سۆھبەتلىشىپ ئاگاھلاندۇردى...

ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى 1- تۈركۈمدىكى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە تۈرلۈك پىلانلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، پىكىر - تەكلىپ بەردى. 5- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لايىھەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 7- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى لايىھەنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، مەزمۇنى كونكرېت بولمىغان، تەدبىرى ئېنىق بولمىغانلىرىغا قارىتا تۈرمۇتۈر ئۆزگەرتىش پىكرىنى بەردى. 8- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئۆگىنىش پىلانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە، دىققەتنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشنى بىرىنچى تەلەپ قىلدى.

«بىز رەسمىيەتچىلىك، شەكىلۋازلىق، قۇرۇق سۆلەتلىكنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، باش تېما تەربىيەسىدە باشتىن باشلاپلا يۇقىرى ئۆلچەم بولۇش، قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دەپ بىلدۈردى 2 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى.

■ ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم كۆزلەندى

باش تېما تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىدە، ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەركەزنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا بولغان ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بەردى، ئاگاھلاندۇرۇپ ياردەم بەردى، پەرقنى توغرىلىدى.

1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش - تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، «باسقۇچقا بۆلمەسلىك، ھالقىلارغا ئايرىماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلاش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش خاتىرىسى، تەسىرات يازدۇرۇشقا «زېھنىنى خوراتمىدى»، بەلكى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە «ھەقىقىي ئەھۋال»نى كۆرۈپ، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگە بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش جەھەتتە «ھەقىقىي تەدبىر» قوللاندى.

2- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى نۇقتىلىق ھالدا ئالاقىلەشكەن ئورۇنلارنىڭ «ئاجىز جايلىرى» «ئاجىز ھالقىلىرى»غا قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، بەزى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتە پەقەت كەسىپكىلا باغلاپ، ئىدىيەگە باغلىماسلىق ھادىسىلىرىگە قارىتا ئېغىشنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئۇلاردىن «پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ»، غايە - ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەت ئېڭى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تونۇشى، تەسىراتىنى ئەستايىدىل سۆزلەپ، يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇرلاپ تېپىشنى تەلەپ قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا، ھەرقايسى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى لايىھەنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتىنى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىدىغان ئورۇنلارغا «قايتا قاراپ چىقىش»، بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى. مۇھىم نۇقتىدىن چەتنەش، يۈزەكى بولۇش، توپلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بەردى، قەتئىي تۈزەتتى.

يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۆت تۈرلۈك مۇھىم نۇقتىلىق تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بىرقانچە مەخسۇس تېما تۈزۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ «يېپىق» شەكىلدە ئۆگىنىش قىلدۇردى، ۋاقىت، مەزمۇن جەھەتتە يوچۇق بولماسلىق، چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى «مىڭ خەتلىك ماقالە» شەكلىدە ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى تەھرىرلەپ كىتابچە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە قولايلىق ياراتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بىرقەدەر كۆپ، ئەھۋالى مۇرەككەپ ئاساسىي قاتلام تارماقلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، پىكىر - تەكلىپ ئالدى، مەسىلىلەرنى بايقىدى ھەم ھەل قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى ئاجىز تۈرلەرگە، كەمتۈكلۈكلەرگە ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى...

«ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خىزمەتنى جايىدا ئىشلەپ، دائىرىدىن ھالقىپ كەتمىدى، يېتەكچىلىك قىلىشتا ھەممىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالمىدى، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بېسىم يەتكۈزدى، شۇنداقلا بىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىزدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كۆزەتكۈچىسى جاڭ گاڭچياڭ.

■ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى

ئۆگىنىش - تەربىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاساس ياخشى تۇتۇلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ يول ياخشى نازارەت قىلىندى، مەسىلىنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقا ياخشى تەكشۈرۈلدى، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەت چىڭ كۆزلەندى. ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت ۋە ياخشى خىزمەت ئىستىلى بىلەن، مەركەزنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۆگىنىش - تەربىيە ئەمەلىي تۇتۇلدى، سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش مەزمۇنىدا چۈشۈپ قالغان تۈرلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى، كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى چۈشەنگەن - چۈشەنمىگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈردى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى نازارەت قىلىپ، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پىكىر - تەلىپىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ يولغا قويۇش پىكرىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تۈزگەن - تۈزمىگەنلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدا مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرگەن - گەۋدىلەندۈرمىگەنلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن - بىرلەشتۈرۈلمىگەنلىكى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدا شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلانغان - ساقلانمىغانلىقى قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلدى. مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش روھى بىلەن مەسىلىنى سېلىشتۇرۇپ ئىزدەشتە چۈشۈرۈپ قويغان تۈرلەرنىڭ بار - يوقلۇقى، كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا كۆرۈلگەن - كۆرۈلمىگەنلىكى، كۆپ تەرەپتىن پىكىر - تەكلىپ ئالغان - ئالمىغانلىقى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولدى. ھەرقايسى ئورۇنلار تىزىپ چىققان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش تىزىملىكىنى رەتلەپ، قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئىچكى كۈندىلىك خىزمەتكە تەۋە خىزمەتلەرنى مەسىلىنى ھەل قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىش ئەھۋالىغا قارىتا، ئورۇنلارنىڭ ئەستايىدىل تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى.

5- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خىزمەت ئەسكەرتمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئالاقىلىشىدىغان ئورۇنلارغا كېلەر ھەپتىدىكى مۇھىم نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەسكەرتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلىپ، خىزمەتنىڭ پىلانلىقلىقى، يېتەكلەشچانلىقى، مۇلازىمەتچانلىقىنى كۈچەيتتى. 6- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى بىرلەشمە يىغىن تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، بار - يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، مەسىلىلەرنى بىرلىكتە تۈزىتىشكە ئەھمىيەت بەردى.

4- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ئاڭلاش، كۆرۈش، سوراش، زىيارەت قىلىشنى ئاساس قىلدى، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات، تۈرلۈك ئارخىپلارنى تەكشۈرمىدى، رەسمىيەتچىلىك قىلمىدى، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىمىدى، خىزمەتنى ئەمەلىي ئىشلەش، يۈكنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان ئورۇنلارنى پۈتۈن مۇساپىلىك ياردەم ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

1- سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى مەسىلىنى ئاخىرقى ئۇچتىن بايقاش، ياچېيكىغا، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئەھۋال ئىگىلەش، تەتۈر يۆنىلىشتە تەكشۈرۈش، ئاخىرقى ئۇچتا دەلىللەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باش تېما تەربىيە خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى قەرەللىك يىغىنىنى قەرەلىدە ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپ، پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا رەتلەپ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتىكى ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشكە قەرەلسىز ئەۋەتىپ، سەييارە يېتەكچىلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تولۇقلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان يېتەكچىلىك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.

زىيارەت داۋامىدا، 1- تۈركۈمدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق ئىنكاس قىلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قىلمىدى، نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرۈش، كونكرېت ئىشقا قاراش، ئاممىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بەردى، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بەردى، ئوشۇقچە قائىدە - يوسۇنغا ئېسىلىۋالمىدى، بىزنىڭ ياخشى ئىستىل بىلەن باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىمىزغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ يېڭى تەلىپى، يېڭى ئالاھىدىلىكىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆت جايىدا بولۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئورۇن بەلگىلەشكە قويۇپ يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇپ، قاتتىق، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يېتەكچىلىك قىلىشنى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولماقتا.

ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكتىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك تۇتقىدىن ياخشى پايدىلىنايلى

يۈەن لېي

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، نۆۋەتتە پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى. باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تېزدىن باشلاپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

قانداق قىلغاندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا باش تېما تەربىيەسىنىڭ قېيىپ كەتمەسلىكىگە، چەتنەپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنىڭ تۇتقىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم.

قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلغان، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلغاندىلا جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى باش تېما تەربىيەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك سالمىقىنى زورايتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە بوشاشماي، ئاچقۇچنى تۇتۇشتا قولنى قويۇۋەتمەي، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ چېچىۋەتمەي، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلغان، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلغاندىلا ئاندىن چەتنەپ كېتىشنىڭ، دىققەت چېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ھەيدەكچىلىك قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، يۆنىلىشنى توغرا تېپىپ، چەتنەشنى، خاتالىقنى، پەرقنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە باشتىن باشلاپلا يۇقىرى ئۆلچەم بولۇش، قاتتىق تەلەپ قويۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مۇھىم تۇتقا بولۇش سۈپىتىدە، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك جەريانىدا، يەنە «ھەيدەكچىلىك قىلىش» بىلەن «يېتەكچىلىك قىلىش»نى تەڭ ئالغا سىلجىتىشقا، ئۆزئارا تولۇقلاشقا دىققەت قىلىپ، ھەم سۈرئەت ۋە سالماققا «ھەيدەكچىلىك قىلىش»، ھەم يۆنىلىشكە، ئۇسۇلغا «يېتەكچىلىك قىلىش»نى؛ ھەم ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە «ھەيدەكچىلىك قىلىش»، ھەم تونۇش، ئاڭنى ئۆستۈرۈشكە «يېتەكچىلىك قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ