مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2019.07.31 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ناخشا، ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، قىرغىز مىللىتىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە جاراڭلىق داستانىسى «ماناس»، قازاقلارنىڭ كىگىز كەشتىسى ۋە رەخت كەشتىسى . . . 30- ئىيۇل، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمە زالىنىڭ مەركىزىدە، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرلىرى نەق مەيداندا كۆرگەزمە قىلىنىپ، نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمە زالىنىڭ بىر تەرىپىدە، تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈمى، چاقىلىقنىڭ چىلىنى دېگەندەك شىنجاڭنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قولدا سىزىلغان ئاتكرىتكا، ئاچقۇچ تۈگمىسى ۋە يان تېلېفون قېپى قاتارلىقلار تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمىدە يەنە رەسىم كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈنسايىن يېڭىلانماقتا»، «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئىناق بىللە ياشاش» ۋە «خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى» قاتارلىق بۆلەكلەر 70 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ