G217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى 720 گىرادۇسلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كەزمە كۆرگەزمە سىستېمىسى توردا ئېلان قىلىندى

2019.07.26 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلىغاندا، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى نامايان بولۇپ، كىشىلەر «خۇددى ئۆزى بارماي تۇرۇپمۇ، شۇ يەرنى ساياھەت قىلىۋاتقاندەك» تۇيغۇغا كېلىدۇ. 7-ئاينىڭ 23-كۈنىG217 لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى 720 گىرادۇسلۇق پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كەزمە كۆرگەزمە سىستېمىسى توردا ئېلان قىلىندى.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نازارەت «قاتناش+ ساياھەت»نى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، تاشيول مەدەنىيەت مەزمۇنىنى نامايان قىلىش جەھەتتە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى تاشيول بەلگىسى ۋە قاتناش-ساياھەت يېتەكلەش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يېڭى تاراتقۇ تېخنىكىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سەييارە كۆرگەزمە قىلىش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ سىستېمىغا مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ساياھەت يېتەكچىلىكى قىلىش، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش، ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشى، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەن.

  ئاپتونوم رايون «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى G217 لىنىيەسىنىڭ مايتاغ-كۇچا تاشيول مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، «قاتناش + ساياھەت» تەرەققىيات تەپەككۇرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، قاتناش-تىرانسپورت-ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى ئەمدى مايتاغ-كۇچا تاشيول قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، لىنىيە بويىدىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتناش ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  (سۈرەتلەرنى ش ئۇ ئا ر قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى تەمىنلىگەن)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ