شىنجاڭ چاپچال ناھىيەسىدە 1000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر گۈلچى دېھقانلارغا ياردەم قىلىپ زاراڭزا يىغدى

2019.07.18 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق يېزىسى چەجى كەنتىنىڭ ئاھالىسى دىلبەر خالمۇراتنىڭ زاراڭزا ئېتىزلىقىدا، شۇ ناھىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە ئارقا تىرەك ئورنىدىكى كادىرلار پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ زاراڭزا ئۈزمەكتە.

  7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، چاپچال ناھىيەسىدىكى 145 مىڭ مو زاراڭزا ئېتىزىدىكى زاراڭزىلار چېچەكلەش مەزگىلىگە كىردى، ئۇنى ئۈزۈش ئۈچۈن زور مىقداردا ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، چاپچال ناھىيەسى 1000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىرنى ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيدىغان دېھقانلارغا ياردەملىشىپ زاراڭزا ئۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ زاراڭزىنى تېز ئۈزۈپ بولۇشى ئۈچۈن ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ