مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يۈرۈش خەرىتىسى بۇ يىللىق 9-قېتىملىق تەڭشىلىدۇ

2019.07.16 13:52 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت تۆمۈريولىدا نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسى بۇ يىللىق 9-قېتىملىق تەڭشىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، ئۈرۈمچىدىن قومۇل، تۇرپانغا قاتنايدىغان ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقارتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا يۈرۈش ۋاقتى ئۈچ سائەت ئىچىگە، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا يۈرۈش ۋاقتى بىر سائەت ئىچىگە قىسقارتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشچە، لەنجوۋ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكىدە 2014-يىلى قاتناش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىن قومۇل ۋوگزالى، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى، پىچان شىمالىي ۋوگزالى، تۇرپان-قومۇل ۋوگزالى قاتارلىقلارغىچە 11.5 جۈپ ئوق پويىز قاتنايدىكەن. يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولى شىنجاڭ ئىچى ئوق پويىز گۇرۇپپىلىرىدا پويىز قېتىمىنى قايتا تىزىدىكەن ھەم 11.5 جۈپ ئوق پويىز گۇرۇپپىسى پويىزى توختىتىلىپ، يېڭىدىن 18.5 جۈپ ئوق پويىز گۇرۇپپىسى پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، توختىتىلىدىغان 11.5 جۈپ ئوق پويىز: ئۈرۈمچىدىن قومۇلغا قاتنايدىغان D8801/2 قېتىملىق، D8803/4 قېتىملىق، D8805/6 قېتىملىق، D8807/8 قېتىملىق، D8809 قېتىملىق، D8815/6 قېتىملىق، D8817/8 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچىدىن تۇرپان-قومۇل ۋوگزالىغا قاتنايدىغان D8841/2 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچىدىن پىچان شىمالىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان D8843/4 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچىدىن تۇرپان شىمالىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان D8835/6 قېتىملىق، D8831/2 قېتىملىق، D8833/4 قېتىملىق پويىزدىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ