مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون 21- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى باشلىدى

ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2019.07.16 10:56 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى لېي تاۋ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايوننىڭ 21- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، 7- ؟ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي داۋاملىشىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ 21- قېتىملىق پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق تەربىيەسى ئېيى پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى تەربىيە ئېيى پائالىيىتىدە «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، <ئىككىنى قوغداش>نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، كوللېكتىپ تەتقىق قىلىش - مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇش؛ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار پاكلىق تەربىيەسى چوڭ دەرسخانىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە دەرسى سۆزلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش بويىچە ۋەزىيەت دوكلاتى بېرىش كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تەربىيە ئېيىدا ئىجابىي تىپلاردىن ئۆگىنىش، سەلبىي تىپلاردىن ئىبرەت ئېلىش ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تىپ ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جياۋ يۈلۇ، گۇ ۋېنچاڭ، جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق تىرىشچان - پاك تىپلاردىن ئۆگىنىلىدىكەن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، ئىنقىلابىي تارىخ سارىيى قاتارلىقلار ئېكسكۇرسىيە قىلىنىدىكەن؛ سەلبىي تىپلار ئانالىز قىلىنىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئاشكارىلىنىپ، ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىش، ۋەزىپە دائىرىسىدىكى جىنايەت دېلولىرىنى سوتلاشنى سىرتتىن ئاڭلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيەسى بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش قاتارلىقلار تەشكىللىنىپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياخشى تۇتۇلىدىكەن؛ «پاكلىق شامىلى تىيانشاننى قاپلاش» يۈرۈشلۈك پاكلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، «پاكلىق شامىلى تىيانشاننى قاپلاش» پاكلىق مىكرو سىن توپلاش مۇسابىقە پائالىيىتى ئالغا سىلجىتىلىپ، بىرتۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تاللىنىپ تۈرلۈك تاراتقۇلاردا تونۇشتۇرۇلىدىكەن، كۆرسىتىلىدىكەن؛ ئاممىۋى خاراكتېرلىك پاكلىق مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، «قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  7- ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا پارتىيە ئىنتىزامى، قائىدە - نىزاملىرى ۋە ئەخلاق - پاكلىق بىلىملىرى بويىچە سىناش پائالىيىتىنى بىرتۇتاش تەشكىللەيدىكەن، بۇنىڭدا پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئىنتىزام - قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ