مۇزىكا ساداسىغا چۆمگەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرى

2019.07.12 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ شەھەرگە كىرىش مۇراسىمىدا، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە مەشرەپ ئوينىدى (7-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىدا ناخشا-ئۇسسۇل شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى ناخشا- ئۇسسۇللاردىن ھوزۇرلىنىشمۇ ساياھەتچىلەرنىڭ قەدىمىي شەھەرنى ساياھەت قىلىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى. 2019-يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى تېز بولدى. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 310 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ