قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەردە ھەمىشە سەھەر تۇرغۇچىلار

2019.07.11 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەتىگەندە، قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ تار كوچىلىرىدا ئاھالىلەر ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىلارنى تازىلىماقتا.

  7- ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئالتۇن پەسلىنى كۈتۈۋالدى. ئوخشىمىغان جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر شەھەر ئىچىدىن ئۆتۈپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدى. قەدىمىي شەھەردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ھەر سەھەردە ھويلا-ئارام ۋە كوچىلارنى تازىلاش، ھەمدە سېتىقچىلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قەدىمىي شەھەرنىڭ يېڭى بىر كۈنىنى ئويغاتماقتا. 2019- يىلى قەشقەردىكى قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتى تېز بولدى. مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 310 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %90 ئاشقان .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ