يازدىكى پامىر

2019.07.10 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئارال دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا تاماشا قىلماقتا.

  ياز پەسلىدە، جۇڭگونىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان پامىر ئېگىزلىكىدە يېشىل ئوت-چۆپلەر قويۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئەڭ گۈزەل قىياپىتى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. جايلاردىكى ساياھەتچىلەر تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىپ، قويۇق ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدى. تاشقورغان ناھىيەلىك ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ناھىيە بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 554 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.26 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ