مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش يولىنىڭ « ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر »نى تۇتاشتۇردى

2019.07.10 11:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئىنتايىن ئاددىي، ئەمەلىي، قولايلىق تىز، بىخەتەر بولۇشقۇچە،يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چەت، يىراق رايونلىرىدىكى دېھقان چارۋىچىلار يانفوندا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىشتىن ئىبارەت خەلققە قولاي باج بېجىرىش مۇلازىمىتىدىن نەپكە ئېرىشتى. مەملىكىتىمىز بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن بولغان ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىدىن تارتىپ،پامىر ئېگىزلىكىدىكى « قۇياش ئەڭ ئاخىرىدا پاتىدىغان جىغىن يېزىسىغىچە، پۇقرالارغا باج بېجىرىشتىكى "يىراقلىق" ئەمدى يىراق تۇيۇلمايدىغان بولدى.

  پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاۋاتقان چارۋىچى جانبېك « يانفوندا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىش » نىڭ قولايلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى . جانىبېك مۇنداق دېدى : جىغىن يېزىسىدىن ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە بېرىش ئۈچۈن 100 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى،بىر تالون كېسىش ئۈچۈن بىر كۈن كېتەتتى، ھازىر قول بارمىقىمىزنى تەككۈزسەكلا ئىش پۈتىدۇ .

  ئوخشاشلا تالون كەسكۈزۈشنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان چىنىخانمۇ بۇ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چىنىخان تۇرۇشلۇق تار تاجىك يېزىسى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرىغا 420 كىلومېتىر كېلىدۇ.چىنخان مۇنداق دېدى: يەرلىك ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، يانفوندا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىش ماڭا ۋە خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى، تىجارىتىم كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى .

  تەبىئىي كىشىلەر، تەشكىللىك ۋاقىتلىق تىزىملاتقان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تالون ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرى شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى ئېپى« A p p» دە،« يانفوندا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىش » ئىقتىدارى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئاساسلىق باشقۇرغۇچى باج ئورگىنىغا كۆپەيمە قىممەت بېجى ئېلېكتىرونلۇق ئاددىي تالوننى ۋاكالىتەن كېسىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت بۆلىكى ئاچتى. بۇ بۇلتۇر 8 - ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان،باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى % 90 تىن ئېشىپ، كۆپەيمە قىممەت بېجى ئادەتتىكى تالونىنى ۋاكالىتەن كېسىپ بېرىشتىكى ئەڭ مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .

  « يانفوندا ۋاكالىتەن ئېلېكتىرونلۇق تالون كېسىپ بېرىش » شىنجاڭدىكى باج تارماقلىرىنىڭ باج بېجىرىشتە خەلققە قولايلىق يارىتىپ بېرىش باھار شامىلى ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باج تارماقلىرى باجنى ئازايتىش،ھەقنى تۆۋەنلىتىش، باج بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، « تور ۋە تور سىرتىدا » مۇلازىمەت يوللىرىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇلازىمەت يېڭى تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلارغا باج يۈكى تۆۋەن، تېخىمۇ قولايلىق ۋە تىز، تېخىمۇ تۈجۈپىلەنگەن، ئىشەنچلىك باج تىجارەت مۇھىتى يارىتىپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ