مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىليون 183 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش مۆلچەرلەندى

2019.07.10 11:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تۆمۈريولى بۇ يىلقى توققۇزىنچى قېتىملىق پويىزلارنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەشنى يولغا قويىدىكەن، شۇ چاغدا، لەنجوۋ-شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتنايدىغان ئوق پويىزلارنىڭ قېتىم سانى قايتىدىن تىزىلىپ، 11.5 جۈپ ئوق پويىز قاتناشتىن توختايدىكەن، 18.5 جۈپ ئوق پويىز يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىكەن، ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى قىسقارتىلىپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 28 مىنۇت قىسقارتىلىدىكەن.

  شىنجاڭدىن چىقىدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىشتىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە 9-ئاينىڭ 1كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە تۇرپاندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىپ، ئارىلىقتا جەنۇبىي شىنجاڭ يۆنىلىشىگە ئالمىشىدىغان پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ پويىزغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  يازلىق تەتىللىك يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى-قورغاس-بېيتۈن-ئۈرۈمچى «سائەت ئىسترېلكىسى» يۆنىلىشىدىكى Y951، Y956/7،Y954 قېتىملىق پويىز، ئۈرۈمچى-بېيتۈن-قورغاس-ئۈرۈمچى «سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى» يۆنىلىشىدىكى Y953، Y958/5،Y952 قېتىملىق «شىمالىي شىنجاڭنى ئايلىنىش» ساياھەت پويىزى ۋە ئۈرۈمچى-قەشقەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان Y962/3، Y964/1 قېتىملىق «جەنۇبىي شىنجاڭنى قانغۇچە تاماشا قىلىش» ساياھەت پويىزلىرى ئوخشاشلا ھازىرقى لايىھە بويىچە داۋاملىق يولغا قويۇلىدىكەن. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يولۇچىلار 12306 تور بېكىتىگە چىقىش، يان تېلېفون ئابونىچىلار تېرمىنالى، تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاز قىلىش، ۋوگزال بېلەت سېتىش كۆزنىكى، يولۇچىلار بېلىتىنى ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىسى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق ھەر قايسى قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، تەپسىلىي ئەھۋاللارنى 12306 تور بېكىتى (www.12306.cn) ۋە «شىنجاڭ تۆمۈريولى» ئورگان مىكرو بىلوگى، ئۈندىدار سۇپىسى ياكى 12306 تۆمۈريول مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ