شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارغا نەزەر، «نارات مۇھەببەت ناخشىسى» 7- ئايدا بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلىدۇ

2019.07.09 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «نارات مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق دراما سەھنە ئەسىرى مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ۋاڭ باۋشې باش رېژىسسورلۇق قىلغان «نارات مۇھەببەت ناخشىسى»دا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ۋە شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، شۇ جايدىكى قازاقلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ھەقىقىي خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش روھى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ئەۋج ئالدۇرۇلغان. بۇ تىياتىر 7- ئاينىڭ 20- كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا تۇنجى مەيدان قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ