مىڭبۇلاق دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار، بۇلۇتلارغا تاقاشقان يايلىقى بار

2019.07.05 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 7-ئايدا، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ مىڭبۇلاق يايلىقى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، ئەسلىدىكى ئېكولوگىيەلىك يايلاق، قارلىق چوققا مەنزىرىسى نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مىڭبۇلاق يايلىقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2300 مېتىر كېلىدىكەن. ھەر يىلى ياز پەسىلدە بۇلۇتلار ۋە تۇمانلار تاغ ئارىسىدا ئۈزۈپ يۈرگەچكە، كىشىلەرگە «ئاق بۇلۇتلارنى سىلاپ، يېشىل ئوتلاقنى دەسسەپ تۇرۇش»تەك تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرىدىكەن، شۇڭا «بۇلۇت يايلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى سۈن مىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردىكى تاغ گۈللىرىنى بەك ياخشى كۆرۈمەن، قىزىل، سېرىق، سۆسۈن، ئاق رەڭلىك گۈللەر... ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى گۈللەر تارقالغان، ئاڭلىسام ھەر بىر خىل گۈلنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى ئوخشىمايدىكەن، تاغ ئارىسىدا نۆۋەت بىلەن ئېچىلىپ، پۈتكۈل ياز پەسىلدە تاغ ئارىسىنى گۈزەل رەڭلەرگە ئورايدىكەن.

  نۆۋەتتە، مىڭبۇلاق يايلىقىدا ساياھەت مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى، مېھمانخانا، ئالاھىدە مەھسۇلات دۇكىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى، ئاپتوموبىل ئاسراش مۇلازىمىتى ۋە دالا ئاپتوموبىلىنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ