«يېشىل يول» ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە شىنجاڭغا قايتىشىغا تۈرتكە بولدى

2019.07.03 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇل، Z40-قېتىملىق پويىزدا، شيۇجۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ «ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى ناخشا ئېيتماقتا.

  شۇ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى شيۇجۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 312 ئوقۇغۇچىسى مۇئەللىمنىڭ ھەمراھلىقىدا، جياشىڭدىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ سۇجۇ ۋوگزالىغا بېرىپ، Z40-قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ يۇرتىغا قايتتى. جۇڭگو تۆمۈريول شاڭخەي ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى سۇجۇ ۋوگزالىدا ۋوگزالغا كىرىش يېشىل يولى ئېچىپ، پويىز كۈتۈش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە شىنجاڭغا ئوڭۇشلۇق قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ