شىنجاڭ: قۇملۇق ساياھىتى ئالتۇن پەسىلنى كۈتۈۋالدى

2019.07.03 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، تاغ قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ سەيلە قىلماقتا. 7ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدا قۇملۇق ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن پەسلى كۈتۈۋېلىندى. «شەھەر ئىچىدىكى قۇملۇق»دەپ نامى بار شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى تاغ قۇملۇقىدا، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. تاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياز كىرگەندىن بۇيان، قۇملۇق مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرىچە مىقدارى 3000 ئادەم قېتىمدىن ئاشقان، 2019- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ مىقدارى 360 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ