شىنجاڭ قۇمۇلدا ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك بىلەن ھازىرقى زامان تۇرمۇشى توغرىسىدا «سۆھبەت» ئۆتكۈزۈلدى

2019.07.01 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: شىنجاڭ قۇمۇلنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىشخانىسىدا، كەشتىچى قىزلار كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى نامايان قىلماقتا (6-ئاينىڭ 28-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇمۇل شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ۋارىسلىرى سۆھبەت پائالىيىتى 27-ئىيۇندىن 29- ئىيۇنغىچە قۇمۇل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، جياڭسۇ، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى، كارخانا مەسئۇللىرى قاتارلىقلار شىنجاڭ قۇمۇل كەشتىچىلىكىدىكى غەيرىي ماددىي مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە كەشتىچىلىك، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى قېزىش، قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆستۈرۈش ئۈستىدە يۈز تۇرانە ئىزدەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ