«يېڭى دەۋر. بەختلىك ۋە گۈزەل يېڭى چېگرا رايون. شىنجاڭ ياخشى جاي»

ئەشيا ئوبوروتى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 16 شىركەتنىڭ خادىملىرى جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىدا ماكانلاشتى، نەتىجىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدا توردا مال سېتىۋېلىش تېز يوللانمىسىنىڭ يەتكۈزۈلۈش ۋاقتى 2-3 كۈن قىسقاردى

2019.07.01 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 26- كۈنى، بايانغول موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان كورلا ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى دىڭشىڭ يولىنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدا، ئاپتوموبىللار كىرىپ-چىقىپ يۈك قاچىلاپ ۋە چۈشۈرۈپ، خادىملار پۇت-قوللىرى چاققان ھالدا ماللارنى ئايرىپ چىقتى. ھازىر، ئەشيا ئوبوروتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 16 تېز يەتكۈزۈش شىركىتى باغچا رايونىغا ماكانلاشتى. ئۇلارنىڭ 2018- يىللىق مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى 50 مىليوندىن ئاشتى.

  شۇ كۈنى، مۇخبىر «يېڭى دەۋر. بەختلىك ۋە گۈزەل يېڭى چېگرا رايون» سەرلەۋھەلىك تور باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە، بۇ ئەشيا ئوبوروت باغچىسىدىكى جۇڭتۇڭ تېز يوللانمىسىنى تارقىتىش مەركىزىگە كېلىپ، 20دىن ئارتۇق ئايرىش خادىمىنىڭ تېز يوللانمىلارنى تۈرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خالتىغا قاچىلاپ ئۆز رايونىغا توشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  شىنجاڭ تيەنخۇا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت رايونىنىڭ مەسئۇلى پەن سىمانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئەشيا ئوبوروت رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1000 مو ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1- قارارلىق كۆلىمى 690 مو، 2- قارارلىق كۆلىمى 310مو بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىشىىۋېتىپتۇ. باغچا رايونى پۈتۈنلەي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ تېز يوللانمىلىرىنىڭ كۈندىلىك بىر تەرەپ قىلىنىش مىقدارى 1 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن، ھەمدە تەقسىملەش مىقدارى يىلىغا 40 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن بىۋاسىتە ئىش ئورنى 1000دىن ئېشىپ، ۋاسىتىلىك ئىش ئورنى 1300دىن ئاشىدىكەن، ھەمدە يىللىق كىرىمى 150 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھازىر تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروت رايونىغا ماكانلاشقان كارخانىلار شۈنفېڭ، يۈندا، يۈەنتۇڭ، دېباڭ، بەيشى خۇيتۇڭ قاتارلىق 16 ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ