مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئابلىكىم ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارزۇسىغا بارغانسېرى يېقىنلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، سۈي يۈنيەن

2019.06.17 16:46

  «ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالنى ئېچىپ، ئاساسىي ئۇچۇرنى تولدۇرۇپ، تاپشۇرۇش دېگەن كۆزنەكنى بېسىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىشنى ساقلايمىز...» يېقىندا، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئەمەلىيىتى دەرسىدە، دىلنۇر ئەبەيدۇللا مۇئەللىم كىرېدىت كارتىسىغا قانداق ئىلتىماس قىلىشنى سۆزلەۋاتاتتى، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئابلىكىم مەمەتئابدۇللا ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى.

  دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى، ئوقۇغۇچىلار ئارقا - ئارقىدىن سىنىپتىن چىقىشتى، ئابلىكىم يەنىلا باش چۆكۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇۋاتاتتى. «ھازىر مەن تور دۇكىنىنىڭ ئاساسىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۆگىنىۋالدىم، ئۆگەنگەنسېرى قىزىقىپ قالدىم، شۇنداقلا يېڭى كىشىلىك ھايات نىشانىغا ئېرىشتىم» دېدى ئابلىكىم.

  2018- يىلى، ئابلىكىم قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن.

  ■ يېڭىباشتىن مەكتەپكە قايتىپ بىلىم ئېلىش

  «مەن ئاران تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە» دېدى ئابلىكىم مۇخبىرغا خىجىل بولغان ھالدا. ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەنىدى، شۇنداقلا نورمال، خۇشال تۇرمۇشتىنمۇ يىراقلاشقانىدى. قاراقاش ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلغان مەزگىلدە، ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، قاراڭغۇلۇقتىن تەدرىجىي قۇتۇلدى، شۇنداقلا يېڭىباشتىن بىلىم ئېلىش ئويىغا كەلدى.

  «ئىلگىرى مەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغانىدىم، ئۇلار نېمە دېسە مەن شۇنىڭغا ئىشىنەتتىم، ئۇنىڭغا چوڭقۇر پېتىپ قېلىپ قۇتۇلالماي قالغانىدىم.» ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگەتكەنلىكىگە، ماڭا ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشنى ئۆگەتكەنلىكىگە، يەنە ماڭا داۋاملىق بىلىم ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت».

  ئوقۇش تاماملاشتىن ئىلگىرىكى ئاشۇ كۈن ئابلىكىمنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە قالغانىدى. «ئوقۇش تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، مەن قانداق قىلسام داۋاملىق ئوقۇيالايمەن دېگەننى ئويلىدىم، شۇ كۈنى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى مۇئەللىم مەندىن ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇغۇم بار - يوقلۇقىنى سورىدى، شۇنداقلا پەرۋىش قىلىش، بوغالتىرلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەردىن بىرىنى تاللىسام بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشاي دەپ قالغان ئابلىكىم ئۆزىنى خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك سېزەتتى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇئەللىمگە: «مەن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۆگىنىمەن!» دېدى.

  بىرقانچە كۈندىن كېيىن، ئابلىكىم تىزىملىتىشتىن ئۆتتى، «بىر كېچە ئۇخلىيالمىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۆرۈلسەممۇ كۈلۈپ ئۆرۈلەتتىم.» شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسى ئابلىكىم ئەڭ ياقتۇرۇپ بارىدىغان جاي بولۇپ قالدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئۇ كىتاب ئوقۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەن، يېڭى مەكتەپكە بارغاندا، ئۇ يەنىلا كۇتۇپخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولدى، ئۇ كىتاب كۆرگەچ خاتىرە قالدۇراتتى. ئۇنىڭ خاتىرە دەپتىرىنىڭ 1- بېتىگە رەتلىك قىلىپ مۇنداق يېزىلغانىدى: بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆگىنىش كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

  بۇ يەردە، ئابلىكىم ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىمىنى تىرىشىپ ئۆگەندى، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ ئوتتۇرا تېخنىكوم دىپلومىنى ئالالايدۇ. بۇلاردىن سىرت، ئابلىكىم ھەر ھەپتىدە يەنە تۆت سائەت رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ دەرسىگە قاتنىشىدۇ، ئەگەر ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىيالىسا، ئۇ يەنە ئالىي تېخنىكوم دىپلومىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  ■ ئىللىقلىق ئىزچىل داۋاملاشتى

  مەكتەپكە كېلىشتىن ئىلگىرى، ئابلىكىم كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەندە، مۇئەللىم ئۇنىڭغا تۇغۇلغان كۈن تورتى ئېلىپ بەرگەن، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ناخشىسى ئېيتقانىدى. «تەربىيەلەش مەركىزىدىكى مۇئەللىملىرىمنى سېغىندىم، ئۇلار ئائىلەمدىكى كىشىلەردەكلا ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى.» ئابلىكىم مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى مېنىڭ يەنە بىر ئائىلەمگە ئايلاندى، مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق بۇ يەردە داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  ئابلىكىم مەكتەپكە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قىزىپ قالدى، «مۇئەللىملىرىم مېنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوكۇل سالدۇردى، نۆۋەت بىلەن ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ساۋاقداشلىرىممۇ مېنى يوقلاپ كەلدى.» قەلبى ئىللىقلىققا چۆمگەن ئابلىكىم ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدى.

  چۈشتە، ئابلىكىم مۇخبىرنى باشلاپ مەكتەپ ھويلىسىدا ئايلاندى، ئۇ نەچچە قەدەم مېڭىپلا سەكرەپ قوياتتى، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيتتى.

  ئابلىكىم مۇخبىرنى ئۆزىنىڭ ياتىقىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى، يوتقان - كۆرپە كىرلىكى پاك پاكىز ئىدى، كىيىم ئاسقۇچقا لۆڭگە ئېسىلغان، ئاستىغا ساپما كەش، داس قويۇلغان بولۇپ، كارىۋاتنىڭ ئاستى ساندۇقلۇق ئىدى.

  «شەخسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، ئاياغلارنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن، قاراڭ، بۇ ئاياغنىڭ سۈپىتى نېمىدېگەن ياخشى - ھە.» ئابلىكىم شۇنداق دېگەچ پۇتىنى كۆتۈرۈپ يېڭى ئايىغىنى كۆرسىتىپ قويدى.

  مۇخبىر خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ پارتكوم شۇجىسى خې شيۇيۈننى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەكتىپىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتى بويىچە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش ماتېرىياللىرى پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ياتاق پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. «بىلىم بەرگەندىن باشقا، مەكتەپ يەنە تۇرمۇشتا ئۇلارغا ھەرتەرەپتىن غەمخورلۇق قىلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە غەمخورلۇق قىلىدۇ، بۇ ياشلارنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى كۈرەش نىشانىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ»دېدى خې شيۇيۈن.

  مۇخبىر ئابلىكىمنىڭ ياتىقىدا تامغا چاپلانغان شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك كىچىك كارتىنى كۆردى، ئۇنىڭغا مۇنداق يېزىلغانىدى: مېنىڭ ئارزۇيۇم ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ئارقىلىق يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش...

  ■ ئارزۇنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش

  كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش جەريانىدا، ئابلىكىم ۋە ساۋاقداشلىرى بىرقەدەر سىستېمىلىق ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشنى قوبۇل قىلغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى ئوتتۇرا تېخنىكومدىكى مۇئەللىملەرنى ئىنتايىن خۇش قىلدى. دىلنۇر ئەبەيدۇللا ئابلىكىمدىن نېمە ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنى تاللىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەرگەنىدى: ھازىر تور دەۋرى، مەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق كەنتتىكى چىلان، ياڭاق ۋە ئانار قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىشنى ئويلاشتىم.

  مەكتەپتە ئابلىكىم تىرىشىپ ئۆگەندى، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە قايتقاندا، ئۇ سومكىسىنى قويۇپ بىرىنچى بولۇپ بارىدىغان جاي كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى ئىدى. كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەچكە ئۇ يەنە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلىغا: «تاۋارلارنىڭ سۈپىتى ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئوراپ قاچىلاشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك» دەپ تەكلىپ بەردى.

  ھەپتە ئاخىرىدا، مۇخبىر ئابلىكىم بىلەن بىللە قاراقاش ناھىيەسى ئاقساراي يېزىسىنىڭ باش قۇمباغ كەنتىگە باردى. ئابلىكىم يەنىلا ئاۋۋال كەنتتىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىغا باردى، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن زاكازنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى، ئابلىكىم ئىنتايىن خۇشال بولدى.

  باش قۇمباغ كەنتى 2000 مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىككەن بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 300 توننىدىن ئاشىدۇ، ياخشى باھادا سېتىپ چىقىرىش ھەربىر دېھقاننىڭ ئارزۇسى. «ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن مەن تور دۇكىنى ئېچىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ياڭاق، چىلان ۋە ئانار قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ چىقىرىشىغا ياردەم بېرىمەن.» ئابلىكىمنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك ئىدى.

  باش قۇمباغ كەنتىنىڭ 1 - شۇجىسى نۇرمەمەت ھەسەنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: «كەنتتە ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئەڭ كەمچىل بولغىنى كەسپىي ئىختىساسلىقلار، ئۇنىڭ ئۆگىنىپ قايتىپ كېلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  بۇ نۇقتا توغرىسىدا، ئابلىكىم پىلان تۈزۈشنى باشلىدى، ئۇ يەنە ئازراق ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى توپلاپ، ھەر ھەپتىدە قايتىپ كەلگىنىدە كەنتتىكىلەرگە ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىر تەرەپتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بىر تەرەپتىن، ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئويلاشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ