12 مېتىرلىق ئۇزۇن يەلكىلىك ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى بىر كۈندە 1000 مو يەرگە دورا پۈركىيەلەيدۇ

2019.06.17 16:44 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، كۆرگەزمە قىلىنغان بىر ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسى «بىلىكى»نى يايدى.

  مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن خەۋىرى: نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ تىپتىكى پاختا تېرىش ماشىنىسىدىن، يېرىم مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان تۆشۈك تېشىش ماشىنىسىغىچە، ناھايىتى زور نەرسىلەردىن ئەپچىل نەرسىلەرگىچە... 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، 10 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدىكى 2019 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىدە نامايان بولدى، ھەتتا يەر تېرىغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان پېشقەدەم ئۇستىلارمۇ بۇلارنى تولۇق تونۇيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىدى.

  شىخۇ شەھىرىدىن كەلگەن بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىسى كۆرگەزمىگە قويغان بىر يېڭى تىپتىكى ماشىنىنى ماناس ناھىيەسىدىكى نەچچە ئون يىل زىرائەت تېرىغان لى گوشياڭمۇ تونۇيالمىدى.

  «بۇ مەخسۇس قالدۇق سولياۋ يوپۇق يىغىدىغان ماشىنىغۇ دەيمەن؟» لى گوشياڭ بۇ كارخانىنىڭ نەق مەيداندىكى تېخنىك خادىملىرىدىن سوراپ باقتى.

  تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ بولۇپ، لى گوشياڭ بۇ شەكلى غەلىتە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى يىغىۋېلىش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا ئايدىڭلاشتۇردى.

  ساۋەندىن كەلگەن بىر كارخانا ئەپچىل تۆشۈك تېشىش ماشىنىسىنى كۆرگەزمىگە ئېلىپ چىقتى، تېخنىكا خادىملىرى بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن قىزىقىپ قالغان تاماشىبىنلارغا بۇ تۆشۈك تېشىش ماشىنىسىنىڭ ئاساسلىقى شوخلا مايسىسى ۋە لازا مايسىسى قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈپ تىكىشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۈنۈمىنىڭ ئادەم كۈچىنىڭ 8 ھەسسىسىدىن 10 ھەسسىسىگىچە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مۇخبىر نەق مەيداندا، ئۆزى ماڭىدىغان بىر تۆت چاقلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىسىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى، پەرقى دەل چاقىدا بولۇپ، باشقا ئۆسۈملۈك ئاسراش ماشىنىلىرىنىڭ كەڭ، قېلىن چاقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ چاقى ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىغا ئوخشاش تار ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ كارامىتىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ پۈركۈش يەلكىسىنىڭ يېيىلىش ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، بىر كۈندە 1000 مو يەرگە دېھقانچىلىق دورىسى چاچالايدىكەن.

  شەكلى كۆركەم ئوت-چۆپ يىغىش ماشىنىسى، ئېگىز ھەم يوغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پاختا تېرىش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى ئىككى چاق قاتار ئورنىتىلغان چوڭ ئات كۈچىلىك تىراكتور، سېرىق ھەرىگە ئوخشاش ئوت-چۆپ باغلاش ماشىنىسى، ئېچىتىلغان يەم-خەشەك يىغىش ماشىنىسى، دەل مىقداردا سۇلياۋ يوپۇق يېپىش سېيالكىسى، سۇيۇقلۇق بېسىمىلىق ئايلانما سوقا...

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ماشىنىلىرى، 3 چوڭ تۈرلۈك، 11 كىچىك تۈرلۈك 5000 دىن ئارتۇق سورتتىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئالاقىدار بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇمى 10 مىڭ دانە (يۈرۈش) دىن ئاشقان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلىق كارخانىلار كۆرگەزمىگە قاتناشقاندىن سىرت، شىنجاڭدىنمۇ 350 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشقان.

  «ئالدىنقى يىللاردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى داڭلىق ماركىلارنى ئاساس قىلغىنىغا ئوخشىمايدىغىنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىرى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى، كۆپچىلىك بىر سەھنىدە بەسلىشىدۇ» دېدى ئەنخۇيدىن كەلگەن بىر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى چىن گۇاڭچۈەن، ھەممەيلەننىڭ كۆزى شىنجاڭنىڭ زامانىۋى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى ۋە بازىرىغا چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ