ئاپتونوم رايونىمىز يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى

ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى پات ئارىدا باشلىنىدۇ

2019.06.14 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 13-كۈنى لوپ ناھىيەلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ بۇ ناھىيەنىڭ دول يېزىسى دۆڭئازما كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى باشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي ئورۇشىغا ياردەم بەردى. ئىگىلىنىشىچە، لوپ ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 180 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە 70 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى بۇغداي ئورۇلۇپ بولغان.

  مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بۇغداي ئورمىسى باشلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن ھوسۇل ئېلىش جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ قانات يايدۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتىمۇ تەييارلىق باسقۇچىغا قەدەم قويغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرى 2 مىليون 750 مىڭ توننا ئاشلىق سىغىدىغان ئامبار تەييارلاپ بولغان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى 6 مىليارد 34 مىليون 500 مىڭ يۈەن بۇغداي سېتىۋېلىش قەرز پۇلى كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 14 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان، بۇ ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرغىلى بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشتا «مىقدار» قوغلىشىشنى «سۈپەت» قوغلىشىشقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۈچلۈك، يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق بۇغداينى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ۋە «مەخسۇس ئۇن» ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ، بۇغداينىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخنى تېجەش يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قازغان. بۇ يىل ھاۋا سەل سوغۇق بولغاچقا، ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي ئورۇش ۋاقتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەپتە ئەتراپىدا كېچىكتۈرۈلگەن، ئاساسلىقى 6-، 7-، 8-ئايلارغا مەركەزلەشكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز قىسمەن رايونلاردا بۇغداي ئورۇش 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي، ئۇن بازىرىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنىڭ بۇغداي بازىرىدا باھا ئازراق ئۆرلىگەن، ئۈرۈمچى-سانجى رايونىدا ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينىڭ ئامباردىن چىقىش باھاسى ئۆرلىگەن، ئادەتتىكى بۇغداينىڭ باھاسى مۇقىم بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ