شىنجاڭدىكى ساياھەت بايلىقى مول رايونلارنىڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ھاۋا يولى تېخىمۇ كۆپەيتىلىپ، «سەپەر ئۇزۇن، ئەمما ساياھەت قىسقا بولۇش»تەك قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى

2019.06.14 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالتاي– قاناس- كۆكتوقاي» ئايلانما ئۇچۇش لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلانلار ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا قوندى (بۇلار 6- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئالتاي ۋىلايىتى مەملىكەت بويىچە ئالتە چوڭ ئورمان رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رايونىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. لېكىن، ئۇزۇندىن بېرى، بۇ رايون «سەپەر ئۇزۇن، ئەمما ساياھەت قىسقا بولۇش»تەك مەسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا، «ئالتاي– قاناس-كۆكتوقاي» ئايلانما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى رەسمىي ئېچىلدى، شۇ جايدىكى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ئۈچ مەنزىرە رايونىنىڭ قاتناش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلاشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (جۇڭ چۈنچۈن فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ