مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى 7-ئايدىن باشلاپ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى تەڭشىدى

2019.06.13 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى 2019-يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تاپشۇرۇش ئاساسى سانى 16 مىڭ 599 يۈەن، ئەڭ تۆۋەن تاپشۇرۇش تۈپ سانى 1620 يۈەن بولىدۇ. يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش ئاساسىي سان نىسبىتى ۋە ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى مۇناسىپ تەڭشەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان: ئورۇنلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى، بۇ ئىككى تۈرلۈك تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ ھەممىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىسچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. ئورۇنلارنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى بولسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بىلەن ئورۇنلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىگە كۆپەيتىش ئارقىلىق ئېرىشىلىدۇ، شەخسلەرنىڭ ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىگە كۆپەيتىلىدۇ، ئىككى تۈرلۈك ھېسابلاش نەتىجىسى ئايرىم-ئايرىم پۈتۈنلىنىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسى بولىدۇ.

  2019-يىللىق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چېكى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھېسابات قىلىنىدۇ: يىللىق يۇقىرى چېكى 16 مىڭ 599 يۈەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزى ۋە ئورۇنلارنىڭ %12ى بويىچە تاپشۇرۇش نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئايلىق تاپشۇرۇش سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 3984 يۈەن بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسلەرنىڭ 1992 يۈەن، ئورۇنلارنىڭ 1992 يۈەن بولىدۇ.

  قالغان قىسمىنى مەنبەنى بېسىپ كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ