يىپەك يولى قەدىمىي شەھىرى مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى

2019.06.13 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ قەشقەر شەھىرى ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا تارىخىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەھەر مەنزىرە رايونى بۇ يىللىق ساياھەتنىڭ جانلىنىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەنزىرە ۋە ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

  سۈرەتتە: 6- ئاينىڭ 12- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا يەرلىك ئاھالىلەر دەم ئېلىۋاتىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ