مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىز 18 تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.06.12 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى يېقىندا «شىنجاڭدىكى چەت ئەلگە چېتىشلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە تاشقى پېرېۋوتى ئارقىلىق قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆت جەھەتتىكى 18 كونكرېت تەدبىرنى يولغا قويۇپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان سودا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى پۇل مۇئامىلە تاشقى پېرېۋوت بايلىقى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پۇل مۇئامىلە تاشقى پېرېۋوت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتە، «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى چېگرا ھالقىغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا قەرز تارقىتىشىغا، چېگرا سىرتىدا پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىشى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلىغىنى مەركەزلىك يۈرۈشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا مەدەت بېرىشى، چەت ئەلگە چېتىشلىق پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ياردىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش جەھەتتە «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش مەمۇرىي ئىجازىتى ۋە تاشقى مۇلازىمەتتە «بىر قېتىم بېجىرىش»، «دەرھال بېجىرىش»، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ «قالدۇق» تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشى كېرەك؛ سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش؛ پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مۇلازىمەت سودىسىنىڭ پېرېۋوت تۆلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى قوللاش؛ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنىڭ سودىسىنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى قوللاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ