شىنجاڭ: جۇڭگو-قىرغىزىستان ئېركەشتام پورتىغا نەزەر

2019.06.12 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، قىرغىزىستان شوپۇرى ئېركەشتام چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلاردىن چېگرىدىن كىرىش-چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆگەنمەكتە.

  ئېركەشتام پورتى بولسا، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ ھازىر قىرغىزىستانغا ئېچىۋېتىلگەن پورت، ھەمدە دۆلەتنىڭ 1- دەرىجىلىك پورتى، ھەم شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىكى قۇرۇقلۇق پورتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پورت يەنە قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم يول، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ