داڭلىق تور تىياتىرى «ئانار پىشتى» ئارقىسىدىكى بىر توپ ياشلار

2019.06.06 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: مەمەت ھوشۇقپىچاق، ئاقباش ۋە ئانارخان بىر تەرەپتىن چاقچاق قىلغاچ، ناھايىتى ئازادە ھالدا سەھنە سۆزىنى سېلىشتۇرماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شىنجاڭدا شۇنداق بىر توپ ياشلار بار، ئۇلار بەزىدە «تازىلىقچى» بولسا، بەزىدە «تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى»گە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنە بەزىدە ئادەتتىكى «خىزمەتچى» بولسا، بەزىدە مەكتەپتىكى «ئوقۇتقۇچى» ۋە «ئوقۇغۇچى» بولۇپ قالىدۇ. بۇ بىر توپ ياشلار ئىزچىل قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق ئۇسۇل ئارقىلىق تورداشلارغا ھەقىقىي شىنجاڭ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى نامايان قىلىپ كەلدى، ئۇلار دەل «ئانار پىشتى» ناملىق تور تىياتىرىنىڭ ئىجادىي ئەترىتىدۇر.

  مەمەتتۇرسۇن مەمتىلى ۋە ھەزرەتئەلى ياسىن دېگەن بۇ ئىسىملار كۆپچىلىككە ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ «مەمەت ھوشۇقپىچاق» ۋە «ئاقباش» دېگەن ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار كىچىك تور تىياتىرى «ئانار پىشتى»نىڭ باش رولچىلىرى.

  بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، مەمەت ھوشۇقپىچاق بىلەن ئاقباش داپېڭ باش رول ئالغان يۈرۈشلۈك قىزىقارلىق تور تىياتىرلىرىنى كۆرۈپ قالدى، بۇ خىل يۇمۇرلۇق ئورۇنلاش ئۇسۇلى دەرھال ئۇلارنى جەلپ قىلدى، ئىككىسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ناھايىتى تېزلا سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى.

  ئۇلار ئىشلىگەن ھەر بىر سىن تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئارقىدىن ئۇلار سىنغا «ئانار پىشتى» دەپ ئىسىم قويدى. شىنجاڭدا «ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن بۇ سۆز كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ مەشھۇر جۈملىنى خىزمەت ئۆيىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئورنىغا ئېسىپ قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ