مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پەن - تېخنىكا +» ئەندىزىسى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ

2020- يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالە پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ

2019.05.30 11:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز نامرات ناھىيە (شەھەر)لەردە ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەخسۇس تۈرى، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق 150 نەچچە تۈرلۈك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 150 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. «پەن - تېخنىكا + تۈر» «پەن - تېخنىكا + ئىختىساسلىقلار» «پەن - تېخنىكا + مۇلازىمەت» قاتارلىق ئەندىزىلەرگە تايىنىپ، نامرات رايونلاردا ئۆزگىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئەشيا ئوبوروتى كەسپى، يېزا - كەنت ساياھىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2020- يىلىغا بارغاندا 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئاھالىنى پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

  كەسىپنى ئاساس قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، ئادەمگىچە، ئائىلىلەرگىچە دەل جايىدا بولۇش ئىدىيەسى بويىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كەنتنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرگە مەبلەغ سېلىشتا شەكىللەنگەن مۈلۈكنى %70، %10، %20 بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە، كەنت يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا، باشلامچى بولۇپ نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانىلارغا ياكى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتى.

  5- ئاينىڭ 24- كۈنى، قەشقەر شەھىرىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ھەرەمباغ كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدا، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ گۆش كەپتىرى بېقىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ تەمىنى تېتىغان كەنت ئاھالىلىرى شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدەپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ «نەپ» دەل ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن.

  بۇ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنىڭ مەسئۇلى قەشقەر شىنتوۋ كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە تەربىيەلەشنى تەشكىللەشمۇ تەس ئىدى، ھازىر تەربىيەلەش مەيدانى يېتىشمەيدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن تېخنىكا ئۆگىنىشنى خالايدىغان بولدى، تېخنىكىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.» يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئالتە كەنتىدە بۇ تۈردىن مەنپەئەتلەنگەن نامرات ئائىلە 840قا يېتىپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3000 يۈەندىن ئاشتى.

  «پەن - تېخنىكا + تۈر»گە تايانغاندىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يەنە پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئۆمىكى كەنتكە بېرىش، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش» تەپەككۇر يولى بويىچە، پەن - تېخنىكا خاس ۋەكىلى قاتارلىقلارنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىپ، تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ نامرات رايونلاردا يۆتكىلىشى، ئايلىنىشىنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت، ياقا، نامرات ناھىيە (شەھەر)لەردىكى پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى مەخسۇس قوللاش پىلانىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىدە «كەنتلەرگە بېرىش ئائىلىلەرگە كىرىش»نى ئومۇملاشتۇردى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا تاللاپ ئەۋەتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، 2018- يىلىلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 432 پەن - تېخنىكا خادىمىنى تاللاپ ئەۋەتتى.

  «پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ نامرات رايونلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى قېزىپ، كەنت ئاھالىسىگە ئىشلەپ كۆرسىتىپ بېرىشتىن كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ ئىشلەشكە ئۆتۈپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىش ئارزۇسىنى قوزغاپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۆيىدىغان، تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت قىلىشقا ماھىر بىر تۈركۈم يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى ھەقىقىي تەربىيەلەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يۈ يىڭرۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ